«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەقىلسىزلىق

ئىسىم ①ئەقىلگە خىلاپ، ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قىلىق، مىجەز: ئەقىلسىزلىق قىلماق. ئۇلار ئەقىلسىزلىقىدىن بېشى چۈشكەن ھالدا ئوردىغا كېتىشىپتۇ. ②ئويلانماستىن قىلىنغان ئەخمىقانە ئىش: ۋاي، ياق، بۇ تازىمۇ ئەقىلسىزلىق!

ئەگرىسۇناي

ئىسىم [ئەگرى+سۇناي] <بوتانىكا> چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى سېرىق، تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. ئۇ قاننى تولۇقلاش، يۈرەكنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە.

ئەلا، ئەلاسى

سۈپەت [ئەرەبچە] ①سۈپىتى، پەزىلىتى جەھەتتىن ئەڭ ياخشى، ئەڭ يۇقىرى؛ ئېسىل: ئەلا سۈپەت. ئەلا سورت. *يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا (ماقال). ②مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ يۇقىرى باھا: ئەلا نەتىجە. ئەلا ئوقۇغۇچى. ③ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئەلمەش-چەلمەش

مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن، ئاپاق-چاپاق، ئىچقويۇن-تاشقويۇن، ھەمنەپەس: بۇ جانىجان مەنپەئەت نەمەت بىلەن سايىمنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان ئەلمەش-چەلمەشلەرگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى.

ئەلۋەتتە

[ئەرەبچە] ①رەۋىش. پىكىرنىڭ ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ قەتئىيلىكىنى، مۇقەررەرلىكىنى، شۈبھىسىز، سۆزسىز بېجىرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ: مېنى بارماي قالارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلماڭ، مەن ئەلۋەتتە بارىمەن. ②يۈك. شۈبھىسىز، تۇرغان گەپ، تەبىئىي دېگەن مەنىدە: ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ دەرھال بارىدىغانلىقى بىزگە ئېنىق.

ئەلەڭگۈ-بەلەڭگۈ

ئۇ-بۇ، ئۇنداق-مۇنداق.. . قاتارلىقلار:-ماۋۇ بالا بىزنى باشقۇرمىغان بىلەن ئاتلارنىڭ قارنى، ھارۋىنىڭ جابدۇقى، ئەلەڭگۈ-بەلەڭگۈلىرىنى شۇ باشقۇرىدۇ ئەمەسمۇ، ھېزىم تېرىق قىزىشىپ سۆزلەپلا كەتتى.