«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەبجەت

ئىسىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ئەرەب ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن ۋە ھەر قايسى ھەرپنىڭ سان قىممىتىنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن ئويلاپ چىقىرىلغان سەككىز سۆزنىڭ بىرىنچىسى. بۇ سەككىز سۆز «ئەبجەت، ھەۋۋەز، ھۇتتىي، كەلەمەن، سەئۇفەس، قەرەشەت، سەخخەز، زەزەغ» لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەت

ئىسىم ①ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ گۆشى: ئەت قونماق. ئەت تۇتماق. ②بەزى مېۋىلەرنىڭ گۆش قىسمى: ئېتى چۈرۈك قوغۇن. ③كۆچمە مەنىلىك سۆز. يەرنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى مۇنبەت، ھوسۇللۇق قىسمى: ئەت توپا.