«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەبگارلاشماق

پېئىل ①ھال-ئەھۋالى ناچارلاشماق، تۇرمۇشى يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق؛ كەمبەغەللەشمەك، نامراتلاشماق: ئۇ يىلدىن-يىلغا ئەبگارلىشىپ كەتتى. ②جۈدەپ، ئورۇقلاپ زەئىپلىشىپ كەتمەك، ئاجىزلىماق: بۇ يىل ئەتىياز ماللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەبگارلىشىپ كەتتى.

ئەپت-بەشىرە

①كىشىنىڭ ئەپتى، بەشىرىسى، يۈزى، چىرايى، تەلەتى: ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىدىن قايغۇ ھەسرەت ۋە ئاچچىق ئەلەم تارتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بىلىنىپ تۇراتتى. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسى، مەنىۋى قىياپىتى: بۇ سۆزلەر ھامۇتنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئامما ئالدىدا چىتقا يايدى.

ئەتراپلىق

سۈپەت. ھەممە تەرەپنى تەڭ كۆزىتىپ، تەڭ ھېسابقا ئالغان، ئومۇمىي جەھەتلەرنى كۆزدە تۇتقان: ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق، سىستېمىلىق پەننىي بىلىملەرنى بېرىش. // ئۇ فورمۇلىنى ئەتراپلىق يېشىپ بەردى.

ئەجدىھاگۈل

ئىسىم [ئەجدىھا+گۈل] <بوتانىكا> چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياكى ئىككى يىللىق تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يۇپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنراقلىرى ئىللىپس ياكى تۆمۈنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى ياز ۋە كۈزدە ئېچىلىدۇ.