«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەسلىھە، ئەسلىھەسى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①ئۇرۇش، جەڭ ئۈچۈن كېرەكلىك قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ماتېرىياللار: دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى. ②ئۈسكۈنە، جاھاز: ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى. قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى.

ئەسۋاب، ئەسۋابى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىرەر ھۈنەر، كەسىپ ۋە مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشتا ئىشلىتىدىغان قورال، سايمان، جابدۇق: تۆمۈرچىلىك ئەسۋابلىرى. توقۇش ئەسۋابلىرى. ②بىرەر نەرسىدىن بىرەر مەقسەت ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان بۇيۇم: ئۆلچەش ئەسۋابى. ئالتۇن ئەسۋابلار. ③مۇزىكا ئورۇنلاش ۋە سەنئەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم، چالغۇ؛ ساز: چالغۇ ئەسۋابلىرى. مۇزىكا ئەسۋابلىرى.

ئەلنەغمىچىلىك

ئىسىم. ئەلنەغمە بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى: قەشقەر، كۇچا، غۇلجا كوچىلىرىدا، ساماۋار-چايخانىلاردا ئەلنەغمىچىلىك قىلىدىغان كەمبەغەل سازەندىلەر دائىم مۇقام چېلىش بىلەن كۈن كەچۈرگەن.