«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەدەبىيلىك

ئىسىم ①ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈش، شۇنىڭدەك ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى توغرا، ئېنىق، جانلىق ئىپادىلەش دەرىجىسى. ②يازغۇچى، ئەدىبلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىدىكى كەسپىي ماھارىتى.

ئەر-ئايال

①ئەر ۋە ئايال: بۇ ئىشتا ئەر-ئايال دېمەي ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىلدى. ②ئەر ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى: بۇرۇن بىر ئەر-ئايال بوپتىكەن، ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، خۇدادىن بىر قىز سوراپ يىغلايدىكەن.

ئەركەكزەدەك

سۈپەت [ئەركەك+زەدەك] ①باش ئالمىغان سەۋزە. ②ئەركەكلەرگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىرى بار، ئەر مىجەز (ئايال ھەققىدە):-ئەپەندىم پادىشاھنىڭ نىيىتىنى بايقاپ:-ئەكەتكەن بېلىقىم ئەركەكزەدەك ئىدى، -دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

ئەزىيەتلىك

سۈپەت. جەبىر-زۇلمى، ئازاب-ئوقۇبىتى، جاپا-مۇشەققىتى، جەبىر-جاپاسى بولغان؛ جاپا-مۇشەققەتلىك: ئۇ ئابدۇللانىڭ ئەزىيەتلىك ئېغىر قىسمەتلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان ۋە ئۇنى ئۆزى بىلەن تەقدىرداش ھېسابلاپ كەلگەنىدى.

ئەس-ھوش

①ئەس ۋە ھوش، ئەقىل ۋە زېھىن، ئەقىل ۋە سەزگۈ: ئۇنىڭ ئەس-ھوشى جايىدا. بۇ ئىككىسى قورقۇپ كېتىپ ئەس-ھوشلىرىنى يوقاتتى. ②پىكىر-خىيال: سىز قايتىپ كەتتىڭىز، شۇنىڭدىن بېرى مېنىڭ پۈتۈن ئەس-ھوشۇم سىزدىلا.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

ئىسىم [ئەرەبچە] ①كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تىنچلىق-ئامانلىق: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم!» دېسە، «بەش تەڭگەمنى بەر«، دەپتۇ (ماقال). ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. قانداق، مەن دېگەندەك بولدىمۇ؟. .. غا ئوخشاش قارشى تەرەپنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۆز: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇنىماي كېتىۋېدىڭىز، قايتىپ كەپسىزغۇ؟