«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەپسۇسلىنارلىق

سۈپەت. كىشىگە ئەپسۇسلۇق ھېس قىلدۇرىدىغان، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان: شۇنىسى ئەپسۇسلىنارلىقكى، بىزنىڭ بەزى ئاپتورلىرىمىزمۇ ئۆزىگە ۋە تەھرىرلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلمايدۇ.

ئەتىگەن

رەۋىش ①تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت؛ سەھەر: ئۇيانغا باق، بۇ يانغا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق (ماقال). ②بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا نىسبەتەن بالدۇر؛ ۋاقتى يېتىپ كەلمىگەن: مەن ئەمدى ئون سەككىز ياشقا كىردىم، توي قىلىشقا تېخى ئەتىگەن.

ئەجەللىك

سۈپەت ①ئەجەل يەتكۈزىدىغان، ئەجەلگە ئېلىپ بارىدىغان: بىر ئادەمنى ئەجەللىك بالا-قازادىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇش كىچىك ئىش ئەمەس. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ھەل قىلغۇچ، قاقشاتقۇچ: ئەجەللىك زەربە بېرىش.