«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پسىخولوگ

ئىسىم [رۇسچە] ①<پسىخولوگىيە> پسىخولوگىيە ئالىمى، پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كىشىنىڭ پسىخولوگىيىسى، مىجەز-خۇلقى، روھىي ھالىتىنى ياخشى بىلىدىغان، شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان سەزگۈر ئادەم.

پلۇتون

ئىسىم [گرېكچە] <ئاسترونومىيە> قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ پلانېتىنىڭ بىرى. ئۇ توققۇز پلانېتىنىڭ قۇياشقا بولغان يىراق يېقىنلىق رەت تەرتىپىدىن سانىغاندا توققۇزىنچى، شۇنىڭدەك قۇياشقا ئەڭ يىراق ۋە ئەڭ كىچىك پلانېتا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ئومۇمىي دەۋرىي 842 يىل؛ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سېلسىيە 20گرادۇس؛ بىر دانە سەييارە يەنە ئۇنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ.

پوچتىكەش

ئىسىم ①«پوچتا» دېيىلىدىغان ھارۋىنى ھەيدىگۈچى كىشى: شۇ چاغدا پوچتىكەش ئويناقلاپ تۇرغان ئاتلارنى كەينىگە شوخشىتىپ، پوچتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ②ئىسىم [ر+پ] پوچتىخانىنىڭ خەتالاقە، گېزىتژۇرنال قاتارلىق نەرسىلىرىنى توشۇغۇچى خادىمى: دەرۋازا غىچىلداپ ئېچىلىپ، پوچتىكەش كىرىپ كەلدى.

پوككىدە

رەۋىش ①«پوك» قىلغان ھالدا: مەن ھارۋىغا لىق يۈك بېسىپ كېلىۋاتقىنىمدا، ھارۋا چاقى ئورەككە پوككىدە چۈشۈپ، ئېتىلىپ كەتتى. ②كۈتۈلمىگەندە، ئۇشتۇمتۇت: ئۇ ئىشىكىگە كېلىپ ئەمدىلا بوسۇغىدىن ئاتلىشىغا، پوككىدە ئىككى ئادەم ئۆيگە كىرىپ كەلدى.