تەۋسىيىلىك ئەسەرلەر

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قوسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان (بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى «دېڭ شياۋپىڭنى كۆرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش» ھەرىكەتلىرى بولىۋاتقان دەۋىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا-زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى (ھازىر ئونسۇ ناھىيىسى دىيىلىدۇ ـــــ مۇھەررىردىن) بىر يېزىغا «قايتا تەربىيە» ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا مەجبۇر بولغان....

داۋامىنى ئوقۇڭ!

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقىي 1948- يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگو تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى. ئۇيغۇر خەتتاتلقىدا يىتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان پەخىرلىك ئ‍ۇستاز نىياز كېرىم شەرقىگە 2015-يىلى شىۋىتسيە خان جەمەتى تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى ھەم ئوردىن تەقدىم قىلىندى. نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن، يىرىك شائىر ۋە يازغۇچى مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق مەرھۇم ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇراھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئارتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆرت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە «سوڧى ئاللايار» دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

چىمەنگۈل ئاۋۇت

چىمەنگۈل ئاۋۇت

ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973- يىلى 6- دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىرقىلىنغان، 1996- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئەدىپلىك ھاياتىئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئىرىشكەن. چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004- يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى» دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىپ»...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئىسلامجان شېرىپ

ئىسلامجان شېرىپ

ئالىم، تۆھپىكار تەرجىمان، زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇر نەشىرىياتچىسى، ناتىق ئىسلامجان شېرىپ 1947-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، بەشكېرەم، ئاۋات يېزا ۋە قەشقەر شەھىرىدە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىغان. 1976-يىلى ج ك پ گە كىرگەن. ئۇ «ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە، ئىدىيە تارىخى جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، «قۇداغۇبىلىك» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «ئون ئىككى مۇقام» تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاش كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ئۇ 1967-يىلى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى، 1985-يىلى ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يەكەن ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

ئەركىنئاي ئابلىز 1976- يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997- يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرانت تەربىيىلەش مەركىزىدە «قوللانما ماتېماتىكا» كەسپىدە ئىككى يىل دەرس ئالدى. ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «توفىل» (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بىلەن «GRE»دەپ ئاتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كەسپىي دەرسلىرىنى مەزمۇن قىلغان يەنە بىر ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدۇ. ئەركىنئاي...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىىن ھوشۇر – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى پروزا ساھەسىدە مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى.

قىسقىچە ھاياتى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1968-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان، 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

يازغۇچىلىق ھاياتى
مەمتىمىن ھوشۇر 1979-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1995-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ 1973- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى شايار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1980- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە شايار ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ ۋە 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1991- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، 1995- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1995- يىلى 9- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان، 1996- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق...

داۋامىنى ئوقۇڭ!