ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراساي، قويچى يېزىلىرىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن، شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆت يىللىق تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1992-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى (ھازىرقى خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى) گە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. 2000-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

ئۆمەرجان نۇرىنىڭ «نۇشرىۋان يائۇشېفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلار»، «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1732-يىلىدىكى شەرققە كۆچۈشى ھەققىدە بىر مەلۇمات»، «ئاتالمىش ياش قەشقەرلىكلەر پارتىيەسى ۋە ئەندىجان ۋەقەسى»، «قۇتلۇق شەۋقىگە قىلىنغان تۆھمەت»، «ئاتاتۈركنىڭ ئۇيغۇر دوستى»، «بۇرھان شەھىدىنىڭ تەرجىمىھالىدىكى بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات»، «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر يېگەنلىكى ھەققىدىكى ئۆز خاتىرىسى»، «تۈركلەردىكى نۇردىن تۆرىلىش ئەپسانىلىرى ھەققىدە» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى، «8-10-ئەسىر غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت»، «تۆت خەلىپە»، «سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا» قاتارلىق ياپونچە، تۈركچە ۋە خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتابلىرى ھەمدە «ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» ناملىق باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ نەشرگە تەييارلىغان كىتابى بار.


ئۆمەرجان نۇرىنىڭ ئۇيغۇر كۇتۇپخانىسىدىكى ئەسەرلىرى:

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *