تەرجىمىھال

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېىسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئىقبال تۇرسۇن 1969- يىلى 8- سېنتەبىر قەشقەر شەھىرىدە خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ – تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بۆرتالا ۋە قەشقەردە ئوقۇغان. 1986- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا تولۇق كۇرس ئوقۇشىقا قۇبۇل قىلىنغان. 1991– يىلدىن 1994- يىلغا قەدەر شۇمەكتەپنىڭ تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملىغان، شۇ يىلى 7– ئايدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.ئىقبال تۇرسۇن خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلارغا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»، « ئىستېتىكا»، « ئەدەبىيات–سەنئەت پىسخولوگيىسى»، «نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتى»، «كىنو–تېلېۋىزىيە سەنئىتىدىن زوقلىنىش»، «ئەدەبىيات تەتقىقات مېتودولوگىيىسى»، «ئۇيغۇر قەدىمكى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

رەشىد رەھمەتى ئارات

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار

ئاپتورى: يۈسۈپجان ياسىن (تەرجىمە ئەسەر) رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ. ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) نى تاماملىغان. 1917-يىلىدىكى بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل ژورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر ژورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن باشلىغان. رەشىد رەھمەتى ئارات 1918- يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. 1919-يىلى يارلىنىپ سىبىرىيىگە يۆتكىۋىتىلگەن. ئۇ، سىبىرىيىدە قازان تاتارلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىجراچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1922- يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ پەلسەپە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1971- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1988- يىلى قوشتاغ يېزىسىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1990- يىلىدىن 2002- يىلغىچە خوتەن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2004- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش باش بېكىتىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئەدەبىي ئىجادىيىتى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1990- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ جەننىتىم» ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقتا چىقىۋاتقان ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىندى. 30 پارچىگە يىقىن شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. «مەشرەپ چۆلى»، «ئەرنىڭ ئېپپىتى»، «رەزىل ئاپتاپ»، «دۇتارچى ئايال» ناملىق 50 پارچىگە يىقىن شېئىرلىرى ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «كۆكنۇر شېئىرىيەت مۇكاپاتى»،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

كۈرەش ئىبراھىم

ئۇيغۇر قامۇسى

80- يىللارنىڭ بېشىدا، مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەد ئەركىينىڭ «كىمنىڭ بار ئاشۇنداق ئالىمى قېنى، پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» دېگەن ئىككى مىسرا نەقرات قىلىنغان غەزىلى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىي يازغان قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك – تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى بىلەن تەڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۇرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئوتلۇق قەلبىگە مەھمۇد قەشقىرىيدەك ئالىم بولۇش ئىستىكىنىڭ ئۆچمەس مەشئىلىنى ياققانىدى. مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر دوكتور ئاشتى (postdoctor博士后) خىمىيە-فىزىكا ئالىمى كۈرەش ئىبراھىم مانا شۇ چاغلارىدىكى دىلىغا يۈكسەك غايىنى پۈككەن ياشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1978- يىلى بېيجىڭ پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىندى. شۇ چاغدا، پۈتۈن فاكۇلتېت بويىچە بىردىنبىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولغان...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس 1989- يىلى 12- ئايدا قومۇل شەھەرلىك پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن يوقىرى مەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى قومۇلدا تاماملاپ، 2006- يىلى بېيجىڭ چاڭپىڭ 2- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن. 2010- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شەرقى شىمال ئورمانچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ باغۋەنچىلىك فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2014- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەن. شېرىنگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان ئىسھاقنىڭ تەسىرىدە، كىچىكىدىنلا خەتتاتلىققا ۋە رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2003-يىلى تەتىل مەزگىلىدە ئۇستازى ئەسەت مۇھەممەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەتتاتلىقنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىگەن. قومۇلدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىر قانچە پارچە ھۆسىنخەت ئەسىرى ئاپتۇنوم رايون، ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ خەتتاتلىققا بولغان قىزىقىشى قىلچە سۇسلاپ...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس 1924- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئۇ 1934- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە، بۇلاقسۇ رايونى ئۆركەش يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن قەشقەر كونىشەھەردىكى نۇربېشى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1939- يىلى 9- ئايدىن 1942- يىلى 8- ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئۆلكىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە، 1956- يىلى 6- ئايدىن 1957- يىلى 6- ئايغىچە، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدى.

دەسلەپكى ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى
تۇرغۇن ئالماس 40- يىللاردىن باشلاپلا رۇس، فرانسۇز، ئىنگلىز كلاسسىك يازغۇچىلىرى ۋە سوۋېت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتىمۇ ئاشۇ يىللاردا باشلانغان. تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى شېئىرىيەتتىن باشلانغان بولۇپ، 1941- يىلى ئېلان قىلغان «قايتمايمىز» ناملىق شېئىرى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ تۇنجى مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. تۇرغۇن ئالماس 1942- يىلى 8-...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىگە 1992- يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپ كىرىشكەن بولۇپ، جۇڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ماھارىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئىنتايىن راۋان، يېقىشلىق، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئوقۇغان كىشىگە ئانا تىلدا يېزىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىنى دەسلەپتە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىن باشلىغان بولۇپ، «تۇخۇمەك دەرىخى ئاستىدا»، «سېسىق پايپاق مودا بولغان...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

خالىدە ئىسرائىل

خالىدە ئىسرائىل

خالىدە ئىسرائىل، 1952- يىلى 10- ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1959- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1971- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە «خوتەن گېزىتى» دە ئىشلىگەن . 1972- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ تىل فاكولتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەخسىم قىلىنغان. ھازىر شۇ ئورۇندا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ھازىرغىچە خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇق چۈشى»، «تاش شەھەر» قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.

خالىدە ئىسرائىل 1985- يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ گويا بىردىنلا بەرق ئۇرۇپ چېچەكلىگەن باھار گۈلىدەك ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ ئاز، ئەمما ساز بولغان، كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىغان ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىز مۇنبىرىدە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالدى.

ئۇ 1985- يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى ھېكايىسى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت (Rahile Dawut) 1966- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983- يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. 1987- يىلى 9- ئايدىن 1990- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1994-يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 7- ئايغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1995- يىلى 9- ئايدىن 1998- يىلى 7- ئايغىچە بىيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1999- يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2002- يىلى فولكلور ئىلمى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ 1973- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى شايار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1980- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە شايار ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ ۋە 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1991- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، 1995- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1995- يىلى 9- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان، 1996- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق...

داۋامىنى ئوقۇڭ!