ئە

ئەترەت

1. ئىسىم [رۇسچە] ①ھەربىي گۇرۇپپا: بىز بەشىمىز رەتلىك تىزىلىپ، ھەربىي قائىدە بويىچە يېڭى ئەترەت باشلىقىمىزنى قارشى ئالدۇق. ②بىرەر ئىش، پائالىيەت، خىزمەت ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان كىشىلەر توپى، گۇرۇپپا: ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، سىنىپ بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدە قىزىل گالستۇك تاقاپ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان. 2. ③<بىئولوگىيە> بىئولوگىيىدىكى بىر سىنىپقا ياتىدىغان ۋە بەلگىلىرىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن ئايرىلغان جانلىقلار توپى. مەسىلەن: قۇشلار سىنىپى، توخۇ شەكىللىكلەر ئەترىتى، قارىغاي سىنىپى، كۈمۈشئۆرۈك ئەترىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.

ئەجنەبىي

[ئەرەبچە] ①سۈپەت. چەت ئەللىك، چەت ئەللىككە ئوخشاش: يۇرتداشلار سۆز ئاچتى سېنىڭ توغراڭدا، كەپتۇ بىر ئەجنەبىي بالا. ئوخشىماي قاپتۇ ئۇ يېزا ئوغلىغا، سەسكەندى يېزىمىز، بۇ سەھرا-دالا. ②ئىسىم. چەت ئەل پۇقراسى، چەت مەملىكەت ئادىمى: چېكىلىۋاتقان بۇ تاماكىنى يېقىندا ئاقسۇنى زىيارەت قىلغان غەربلىك ئەجنەبىيلەر تەقدىم قىلغانىدى.

ئەدەپلىك

سۈپەت. ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان، ئەدەپنى بىلىدىغان، تەربىيە كۆرگەن؛ ئەخلاقلىق: ئانا مەكتەپ بىزلەرنى ئۆستۈرمەكتە ئەدەپلىك، ئەخلاق، ئوقۇش، ئەمگەكنى بىلىمىز، ئەڭ شەرەپلىك.

ئەركىلىمەك

پېئىل. ياخشى كۆرۈش، يېقىنچىلىق، سۆيۈنۈشنى ئىپادىلەيدىغان قىلىقلارنى قىلماق، ئەركىلىك قىلماق: داداڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان بولسىمۇ، يۇرتىمىز ئامان قالغانىدى. سەن ئەركىلەپ ئويناپ چوڭ بولدۇڭ.