پ

پايدا

ئىسىم [پارسچە] بىرەر كىشى ياكى نەرسىگە يېتىدىغان مەنپەئەت، نەپ: قىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئۆيگە بېرىپ ئۆز ئىشىمىزنى قىلساق شۇ پايدا ئەمەسمۇ؟ <②س ئىق> ئىشلەپچىقىرىش، سودا-سېتىق ۋە تۈرلۈك تىجارەت يوللىرى ئارقىلىق كىرگۈزگەن كىرىمىدىن، تەننەرخى ياكى دەسمايىنى ۋە باجنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئاشقان سومما، نەپ: پايدا بەرمەك. پايدا چىقماق. پايدا قىلماق.

پورداق

①ئىسىم. ئەركەك جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي ئەزا قىسمىدىكى ئۇرۇقداننى ئوراپ تۇرىدىغان خالتىسىمان ماددا. ②ئىسىم. پورداق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم. ③سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. جىنسىي مۇئامىلىدە كېرەككە كەلمەيدىغان، پالاكەت (ئەرلەرگە نىسبەتەن).