پ

پارات، پاراتى

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] ①قوشۇنلار ۋە پائالىيەت دۈيلىرىنىڭ ھەرىكەت تەييارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنىلىك كۆرەك: ھەربىي پارات. ②كۆرەكتە بەلگىلىك ھەرىكەت ۋە كىيىنىش بىلەن مەيداندىن تەنتەنە قىلىپ ئۆتۈش ھەرىكىتى: تەنھەرىكەتچىلەر پاراتتىن ئۆتتى.

پاراقچى

ئىسىم. پاراق ئاشلىقىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن كىشى، پاراق ئاشلىقىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى: ئۇنىڭ دادىسى بۇرۇن ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە پاراقچى بولۇپ ئىشلىگەنىدى.

پاراڭ

ئىسىم ①ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا بولغان گەپسۆز؛ نۇتۇق: پاراڭ سالماق. پاراڭغا چۈشمەك. پاراڭ قىلماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مىش-مىش، ئېنىق بولمىغان گەپ، سۆز، خەۋەر: ھۆرلىقا توغرىسىدا نېمە پاراڭلار بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. ③سۆھبەت، مۇلاھىزە: ئۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسى ناھايىتى كەڭ ئىدى.

پارت

تەقلىد سۆز. بىرەر نەرسىنىڭ ئىتتىك ھەرىكەت قىلىشى ياكى يىرتىلىشى، ئۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز: مىڭ تەستە تۇتۇپ كەلگەن جەرەن بالىسى «پارت» قىلىپ قېچىپ ھاي-ھۇي دېگۈچە كۆزدىن يوقالدى.

پارتىزانچە

①سۈپەت. پارتىزان ھالىتىدە، پارتىزان قىياپىتىدە، پارتىزانغا ئوخشاش، پارتىزاندەك: بىزدە ھازىر پارتىزانچە يوسۇن بار. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مۇنتىزىم بولمىغان، چېچىلاڭغۇ (تۇرمۇش ھەققىدە): سىراجىدىن خىزمەتكە بۆلۈنگەندىن بېرى پارتىزانچە تۇرمۇش كەچۈردى.

پارچە

①[پارسچە] ئىسىم. بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە نەرسىلەرنىڭ بىر بۆلىكى؛ پۈتۈن نەرسىدىن كېسىپ، سۇندۇرۇلۇپ ئېلىنغان ياكى ئۆزى ئاجراپ چىققان قىسمى؛ بۆلەك: قەغەز پارچىسى. ②سۈپەت. ئۆلچەم قىلىنغان مەلۇم بىرلىككە توشماي قالغان؛ پۈتۈن ساننىڭ ئەكسى (پارچىسى): پارچە پۇل. پارچە سان. ③مىقدار سۆز. نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدىغان سۆز: بىر پارچە خەت. بىر پارچە گىلەم. بىر پارچە ماقالە. ④ئىسىم <ئەدەبىيات> رومان، پوۋېست قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مەلۇم بىرقىسمى، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باب، بۆلەكلەر: روماندىن پارچە. ⑤ئىسىم <ئەدەبىيات> ئاياغلاشقان، يەكۈنلەنگەن ئويپىكىرنى بىلدۈرگەن ماۋزۇسىز بىر كۇبلېت شېئىر.

پاژژىدە

رەۋىش. «پاژ» قىلغان ھالدا، «پاژ» قىلىپ: سەرەڭگە قېپىدا ئاران بىر تال سەرەڭگە قاپتىكەن، شۇنچە ئاۋايلاپ چاقساممۇ «پاژژىدە» قىلدىدە، ئوت ئالماي ئۆچتى. شۇنداق قىلىپ بىر كېچە قاراڭغۇدا قالدۇق.