پ

پۈركىمەك

پېئىل ①بىرەر نەرسە بىلەن باشتىن-ئاياغ بېكىتىپ ئورىماق، ئوراپ قويماق: ئەسقەر ئۆزىنى ئورنىغا تاشلاپ، بېشىنى يوتقانغا چىڭ پۈركىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. قاپلىماق، چۆمدۈرمەك؛ تولدۇرماق: ئۇ خۇددى قىزىل ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، كەڭ دالىنى قىزىللىققا پۈركىگەنىدى.

پارازىت

[رۇسچە<گرېكچە] ①ئىسىم <بىئولوگىيە> باشقا بىر خىل جانلىق تېنىنىڭ ئىچى ياكى سىرتىدا ياشاپ، شۇ خىلدىكى جانلىق تېنىدىن ئوزۇقلۇققا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنى كاپالەتلەندۈرگۈچى قۇرت ياكى ئۆسۈملۈك. ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باشقىلارنىڭ مېھنىتى ھېسابىغا ياشىغۇچى، تەييارتاپ: پارازىت تۇرمۇش كەچۈرمەك.