پ

پاكىت

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە] ①ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان، رېئال، بار نەرسە؛ ھەقىقىي ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇلار ھەققىدىكى مەلۇمات: پاكىت ئالدىدا پىل ئوسۇرۇپتۇ (ماقال). ②بىرەر ئىش، نەرسە ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش، قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساس، دەلىل، ھۆججەت: تارىخىي پاكىت. *پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

پال، پالى

①ئىسىم [ئەرەبچە] كىشىنىڭ ئالىقىنىغا قاراش، كىتاب ۋاراقلاش، قارتا ئېچىش، تاش ۋە ماياقلارنى يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىنى، شۇنىڭدەك كىشىلەر بىلىشكە قىزىققان نەرسە ياكى ھادىسىلەرنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىدىغان ساختا بېشارەت: پال باقماق. پال سالماق. ②تەقلىد سۆز. قۇياش، يۇلتۇز، چىراغ، ئوت قاتارلىقلارنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىپ يېنىش ھالىتى: ئۆي ئىچىدە بىردىنلا «پال» قىلىپ چىراغ ياندىدە، يەنە ئۇزىماي «لاپ» قىلىپ ئۆچتى.

پالاندى

سۈپەت ①چەت، ياقا يۇرتلارغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەن، پالانغان، سۈرگۈن قىلىنغان؛ سۈرگۈن: پالاندى قىلىنماق. ②تىل-ھاقارەت. باشقا يۇرتتىن كەلگەن كىشىلەرنى كەمسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ: ماۋۇ مامۇت پالاندى بەش كۈن بولماستىن ھومىيىدىغان بولۇۋالدىغۇ؟