پ

پراگماتىزم

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] ھازىرقى زامان بۇرژۇئا پەلسەپىسىدىكى سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىم، ئامېرىكىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى دۇنيانىڭ ماددىيلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت.

پلاكات

ئىسىم [رۇسچە<نېمىسچە] تەشۋىقات، ئاخبارات ئىشلىرىنى كەڭ ئاممىغا بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قىسقا تېكىستلىك قىلىپ يېزىپ چاپلانغان، ئېسىلغان چاقىرىق، شوئار ياكى شوئارلار يېزىلغان رەخت، تاختا: پلاكات ئاسماق. پلاكات چاپلىماق. پلاكات كۆتۈرمەك.

پوتېنسئومېتىر

ئىسىم [لاتىنچە+گرېكچە] <فىزىكا> ئۆزلۈكىدىن تەڭشىگىلى بولىدىغان بېسىم بۆلگۈچتە ئىشلىتىدىغان ئۆزگىرىشچان قارشىلىق. تەركىب تاپقان ماتېرىياللىرى بويىچە «ئوراملىق» ۋە «ئورامسىز» دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

پور

①ئىسىم. دەرەخ غولىنىڭ چىرىپ چىداملىقىنى يوقاتقان قىسمى: سۆگەت پورى. ②سۈپەت. پورلاشقان، پورى بار: پور تېرەك. پور سۆگەت. ③سۈپەت. سۆگەتنىڭ پورىغا ئوخشايدىغان، قوڭۇر: پور رەڭ. ④سۈپەت. ئىچى كاۋاك، تېشىغا بۆرتۈپ چىققان، قاپارتىلغان، قالپاقلىق: پور مىخ. پور سۈمبە.