پ

پانئىسلامىزم

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە+ئەرەبچە] 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يېقىن شەرقتە پەيدا بولغان پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللەت ئايرىماي ئىتتپاقلىشىپ، دۆلەتتىن، مىللەتتىن، رايوندىن ھالقىغان، بىرلىككە كەلگەن ئىسلام ئىمپېرىيىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر خىل دىنىي ۋە سىياسىي پىكىر ئېقىمي.

پراگماتىزم

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] ھازىرقى زامان بۇرژۇئا پەلسەپىسىدىكى سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق ئىدىيىۋى ئېقىم، ئامېرىكىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى دۇنيانىڭ ماددىيلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت.