پ

پۇرىماق

پېئىل ①پۇراش سېزىمى ئارقىلىق بىرەر پۇراقلىق نەرسىنىڭ پۇرىقىنى سەزمەك: گۈل پۇرىماق. پۇراپ باقماق. *ئات قوي پادىسىنى ئايلىنىپ ئۆتتىدە، يولنى نەچچە پۇراپ قويغاندىن كېيىن، پۇشقۇرغىنىچە يول بويلاپ ئالغا مېڭىپ كەتتى. ②بىرەر نەرسىنىڭ پۇرىقى ھاۋا بىلەن قوشۇلۇپ ئۆز ئەتراپىغا تارىماق؛ دىماغقا ئۇرۇلماق؛ سېزىلمەك: دوختۇردىن دورا پۇرايدۇ. *ئۇ گەپ قىلغاندا ئاغزىدىن تاماكا پۇرايتتى. ③ئەسلىدىكى تەمى ۋە پۇرىقىدىن ئۆزگىرىپ باشقىچە پۇراق چىقىدىغان بولۇپ قالماق؛ بىقسىماق: يازنىڭ كۈنى گۆش ناھايىتى ئاسان پۇرايدۇ.

پۇسكايتماق

«پۇسكايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:-ئەيىب سىلىدە ئەمەس ئۇستام! ئەيىب ماۋۇ جۇۋىدا، جۇۋا سىلىنى قوي سۈرىتىدە قىلىپ پۇسكايتىپ كۆرسىتىپ قويمىغان بولسا، بىز ھەرگىز تاپالمايتتۇق،-دېدى ئۇ.

پۇقرا

ئىسىم. [ئەرەبچە] ①بىرەر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدىكى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشى. ②ئاددىي ئاۋام خەلق: ئوت قويسا ئامبال يوق سوراق، پۇقرا ياقالمايدۇ چىراغ (ماقال).