پ

پىلپىل

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋە باشىقى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىپ، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

پىندەك

سۈپەت. پاكار، پەتەك: ئۇ ماڭا ئۆزىگە بوي تۇرقى تەڭ ياكى چوڭراق بالىلاردىن بىرەرنى بەلگىلىمەي، سىنىپ بويىچە ھەممىدىن كىچىك بىر «پىندەك» نى بەلگىلەپ قويۇشقانلىقىغا خاپا بولاتتى.

پۆپۈك

ئىسىم ①نەرسىلەرنى بېزەش ئۈچۈن قادىلىدىغان بىر باغلام يىپ ياكى تالا-تالا قىلىپ كېسىلگەن قەغەز ۋە رەخت ياكى رەڭدار قۇش پېيى: دوپپىنىڭ پۆپۈكى. ②بىرەر نەرسىنىڭ بىر ئۇچىغا ياكى چۆرىسىگە تۇتۇلغان ياكى ئۆزىدىن ئىشلەنگەن تالالار: قامچىنىڭ پۆپۈكى. نەيزىنىڭ پۆپۈكى. لەۋھەنىڭ پۆپۈكى. ③قۇشلارنىڭ بېشىدىكى پۆپۈك شەكلىدە بىرئاز ئېگىز ئۆسكەن تۈكلىرى: دەمدەرنىڭ پۆپۈكى. تۇخۇنىڭ پۆپۈكى. ④بەزى زىرائەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق چىقىرىش توختىغاندىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدىغان پۆپۈككە ئوخشاش قىسمى: قوناقلار تەكشى پۆپۈك چىقاردى.

پۇچەكلەشمەك

پېئىل ①مېغىزى يوق پۇچەك ھالەتكە كەلمەك، پۇچەك بولۇپ قالماق: بۇ شالغا ئۈششۈك تېگىپ، پۇچەكلىشىپ كەتكەنلىكتىن جىڭ باسالمىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مەنىسىز، قۇرۇق، چاكىنا بولۇپ قالماق: ئوقۇتقۇچى تۇرسۇننىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:-ماقالىڭىزنىڭ ئاخىرى بىرئاز پۇچەكلىشىپ كېتىپتۇ.

پۇرقەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①<يېزىق تىلى> ئۆزىگە ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك دەپ ھېسابلانغان كىشى ياكى نەرسىدىن ئايرىلىش؛ جۇدالىق، ھىجران: نىگارىم خاكىپايى دەپ كۆزۈمگە تۇتىيا قىلدىم، بويۇم يادەك ئېگىلدى پۇرقىتىڭدىن جان بولۇپ بىمار. ②ئەرلەرنىڭ ئىسمى.