پ

پىچەكگۈل

ئىسىم <بوتانىكا> پىچەكگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈگۈنەك يىلتىزىدا كراخمال ۋە ئاقسىل بولىدۇ؛ دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ، يۈرەككە مەنپەئەت قىلىش، خىلىت ھاسىل قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئېھتىلامنى تىزگىنلەش رولىغا ئىگە.

پىداكارلىق

ئىسىم ① ئۆزىنى پىدا قىلىش: ئوغلىنىڭ پىداكارلىق روھى، كىچىك بولۇشىغا قارىماي ئېتىز ئىشلىرىدىكى پائالىيەتچانلىقى ئۇنى خۇشال قىلاتتى. ②ئۆزىدىن كېچىپ، بېرىلىپ ئىشلەش، پىدائىيلىق: «ھاياتقا مۇھەببەت» تە شەخسنىڭ ئۆز ھاياتىدىن پىداكارلىق بىلەن كېچىشمەك يالقۇنلۇق يۈرىكى يۇشۇرۇنغان.