پ

پۇچىلىماق

پېئىل ①چوغ ياكى قوقاسقا تاشلاپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ، سۈركەپ، ياكى كۆمۈپ پىشۇرماق: بالىلار كۆكۋاش پۇچىلاپ يېدى. *بېشىر ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا گۈلخان يېقىپ دەستىلەرنى پۇچىلاپ ماتىغۇچ بىلەن ماتىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئازابلىماق، قىينىماق: رەشك ۋە كۈنداشلىق ئوتلىرى مەنسۇر بەگنىڭ ۋۇجۇدىنى پۇچىلىدى.

پۇررىدە

رەۋىش ①«پۇر» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «پۇر» قىلغان ھالدا: ھويلا تېمىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن بىر قارلىغاچ بېشىمىز ئۈستىدىن پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ھەش-پەش دېگۈچە، تېزلا: قوناققا بىرلا سۇ كىرىش بىلەن پۇررىدە كۆتۈرۈلۈپ، غوللىرى جانلىنىپ كەتتى.

پۇرۇپكا

ئىسىم [رۇسچە] ①<بوتانىكا> ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ۋە يىلتىزى چوڭايغاندىن كېيىن تېنىنىڭ سىرتىدا ھاسىل بولىدىغان قوغدىغۇچى توقۇلما. ئۇ پارقىراق ۋە يېنىك بولىدۇ، سۇ ئۆتكۈزمەيدۇ، ئېلاستىكلىقى يۇقىرى بولىدۇ؛ توك، ئىسسىقلىق ۋە ئاۋاز قاتارلىقلارنى ياخشى ئۆتكۈزمەيدۇ. سانائەتتە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ. ②بوتۇلكا، شېشە ۋە ئىدىش قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىش ئۈچۈن پۇرۇپكا دەرىخىدىن ياسالغان قاپقاق، ياپقۇچ.

پۇقراپەرۋەر

سۈپەت. [ئەرەبچە+پارسچە] پۇقرالارنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىنى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ھەمدە ھەرتەرەپلىمە ياردەم بېرىدىغان؛ پۇقرالارنى ياقلايدىغان، پۇقرا تەرەپدارى: پۇقراپەرۋەر رەھبەر. پۇقراپەرۋەر بولماق.

پۇڭ

①مىقدار سۆز [خەنزۇچە] يەر يۈزى ئۆلچەم بىرلىكى، كۆلىمى تەخمىنەن 66 كۋادرات مېتىرغا تەڭ بولىدۇ. ②مىقدار سۆز [خەنزۇچە] ئەڭ كىچىك پارچە پۇل بىرلىكى، بىر پۇڭ ئون لىغا تەڭ بولىدۇ. ئون پۇڭ بىر موچەن بولىدۇ.

پۈركۈشمەك

«پۈركۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:-خاپا بولماڭ، دەزمال سالىدىغان كۆڭلەككە پۈركۈمەكچى ئىدىم، دىققەتسىزلىكتىن چاپىنىڭىزغا پۈركۈلۈپ كەتتى،-دەپ، ئۆزرىخاھلىق ئېيتتى ئايىم دوستىغا.