پ

پوشكالچى

①ئىسىم. پوشكال سېلىش ۋە ئۇنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى. ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. داۋاملىق نەزىر-چىراغ قوغلاپ يۈرىدىغان، نەزىر-چىراغنىڭ تائاملىرىنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن؛ بىكار تاماقنى يېيىشكە ئامراق: پوشكالچى موللام.

پوكۇنچى-پوستانچى

①سۆزلىگۈچى ئېيتماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەن شارائىتتا شۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ: پوكۇنچى-پۇستانچىلار ئىشقا كەلمەپتىغۇ،-دەپ سورىدى مۇدىر. ②سۆزلىگۈچى ئېيتىشنى ئەپ كۆرمىگەن ھاقارەت سۆزلىرى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ: سەن ئۇنى پوكۇنچى-پۇستانچى دەپ تىللاپ يۈرسەڭ بولمايدۇ.

پىچىر

①تەقلىد سۆز. سۆزلىگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچىنىڭ ئۆزلىرىلا ئاڭلاپ باشقىلار ئاڭلىيالمايدىغان پەس ئاۋاز: قاراڭغۇدا بولۇڭدا «پىچىر» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ قالدى. ②ئىسىم. شۇنداق ئېيتىلغان گەپ: گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر (ماقال).