پ

پايلىماق

①پېئىل. بىرەر ئىش ياكى سۆزھەرىكەتتە بەرداشلىق بەرمەك، سەۋر قىلماق، تاقەت قىلماق: بۇ بالىغا بىر ئاياغ جىق بولسا بىر ئاي پايلايدۇ. ②پېئىل. يوشۇرۇن كۆزەتمەك، كۆز-قۇلاق بولماق، مارىماق؛ پېيىغا چۈشمەك: دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا،كېچىسى پايلا (ماقال).

پروگرېسسىيە

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە] <ماتېماتىكا> ھەربىرى ئالدىنقى سانغا بەلگىلىك ساننى قوشۇش ياكى كۆپەيتىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان سانلار تەرتىپى: گېئومېتىرىيىلىك پروگرېسسىيە. ئالگېبرالىق پروگرېسسىيە.