جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام Jalalidin Behram

جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھرىدە ھۆنەرۋەن (تىككۈچى) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…» دەيدۇ.

ئوقۇش ۋە خزمەت ھاياتى
جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954-يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. رەسىم كۇرژۇكى، ئەدەبىيات كۇرژۇكى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلغان. 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ، 1958-يىلغىچە مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇغان. 1958-يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1958-يىلدىن 1961-يىلغىچە سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇغان.

جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، 1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1976-يىلدىن 1981-يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلغان. 1981-يىلدىن باشلاپ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.

ئىجادىي ھاياتى
جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان. لېكىن، 1966-يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۈلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا، «ئۈششۈك تەگكەن» ۋە «قوشكۆل»لەردە ئىشلەشكە سۈرگۈن قىلىنغان.

جالالىدىن بەھرام ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ رومان يازغان ۋە ئۇيغۇر رومانچىلقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان يازغۇچىلاردىن بىرى. جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلى، ئۇ 21 ياش ۋاقتىدا رەسمىي باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ ئون پارچە ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمى (10كىتاب)،14 رومان (21 پارچە كىتاب)، 16 تېلىۋېزىيە فىلىمى (ھەممىسى فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن)، جەمئىي 29 كىتاب، 16 تېلېۋېزىيە سىنارىيىسى يازغان.

بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئوۋچىلىرى»، «موللا مۇسا سايرامى»، «فارابى»… قاتارلىق نەچچە ئون پارچە نادىر رەسىملەرنى سىزغان. «ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە 500 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لاھىيلىگەن ۋە مىڭلىغان قىستۇرما سۈرەت، كۆنچىك، نەقىشلەرنى ئىشلىگەن» (يازغۇچىلار مەجمۇئەسى» 2006-يىللىق 1-سان). ئۇنىڭ «ماناس» داستانىنىڭ مۇقاۋىسى قاتارلىق بىر قانچە رەسىم ئەسىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، «ئانا مېھرى» ناملىق ھېكايىسى 11-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، بىرقانچە پارچە ئەسىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى، تالانتلىق رەسسام، كاندىدات ئالى مۇھەررىر، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى، جامائەت ئەربابى جالالىدىن بەھرام 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، 77 يېشىدا ۋاپات بولدى.


جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرى

ئۇيغۇر كۈتۈپخانىسى

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *