غەنىزات غەيۇرانى (1930-2007) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1948-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە شىنجاڭ دارىلفونۇنىدا ئوقۇغان. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1953-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 1957-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇھەررىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. غەنىزات غەيۇرانى 1949-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ئۇنىڭ «تارىم بويىدا»، «ھايات قوشىقى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «بولدى قىل» ناملىق فېليەتون ۋە ساتىرالار توپلىمى، «100 رۇبائىي» ناملىق رۇبائىيلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. غەنىزات غەيۇرانىنىڭ تىل تەتقىقات ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك....
داۋامىنى ئوقۇڭ!