ئارۇز

ئىسىم [ئەرەبچە] <ئەدەبىيات> شېئىر تۈزۈلۈشىدە، ئۇزۇن ۋە قىسقا بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە ئالمىشىپ كېلىشىگە ئاساسلانغان ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدە كەڭ قوللىنىدىغان ۋەزىن سىستېمىسى: ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىر.

ئارىلىماق

پېئىل ①ئارىسىدىن، ئوتتۇرىسىدىن، ئىچىدىن ئۆتمەك، ئايلانماق، كەزمەك؛ كۆزدىن كەچۈرمەك: باتۇر قاتار ئورۇندۇقلارنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، يولۋاس شۇجىنىڭ قېشىغا كەلدى. ②چېتىلما رەۋىشداش شەكلىدە كېلىپ «مەلۇم ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندا-ساندا، بەزى-بەزىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل ئويناشتى، ئارىلاپ تانسىغا چۈشكۈچىلەرمۇ بولدى .③ئاجراتماق، توسماق، بېسىقتۇرماق: ئىدرىس غ سۇلايماننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارنى ئارىلىدى.

ئارىلىق

1. ①ئىسىم. نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى جاي، مۇساپە، بوشلۇق: ئۇلار چەشلەرنىڭ ئەتراپىغا ئارىلىقىنى بىر گەزدەك قالدۇرۇپ ئادەم بويى مەڭگەن دۆۋىلىدى. ②ئىسىم. ئىككى ۋەقە، ھادىسە ياكى پەيت ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت، پۇرسەت: شام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن قاسىم يەنە ئالدىنقى كۈنگە ئوخشاش قاپىقىنى ئاچماستىن تاڭنى ئاتقۇزدى .③سۈپەت. ئوتتۇرا: ئارىلىق ھادىسە. ئارىلىق مېڭە.

2. ئىسىم. پارا: ئارىلىق بەرمەك.

ئارىلاشماق

پېئىل ①بىر-بىرىگە قوشۇلماق، بىرلەشمەك، بىرىكمەك: ھەسەن بوۋاي ئۆز ۋاقتىدا قېچىرنى توختاتقان بولسىمۇ، ئون جىڭدىن ئارتۇق ئۇرۇق يۇمشاق توپىغا ئارىلىشىپ، يەردە چېچىلىپ ياتاتتى. ②باشقىلارنىڭ سۆزىگە سۆز قاتماق، ئىشىغا قاتناشماق:-ياق، بالىلىرىم، مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن،-دەپ ئارىلاشتى داۋۇت ئاكام. ③ئالاقە قىلماق: ياشلىقىم تۈرمە ۋە تارىم ئەمگىكى بىلەن ئۆتۈپ كەتتى، قىرىق نەچچە ياشلىق ئادەم بولغىنىمدىلا جەمئىيەتكە ئارىلاشتىم. ④باردى-كەلدى قىلماق، مۇناسىۋەت باغلىماق

ئارىلاشما

①سۈپەت. ئىككىدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەردىن تەركىب تاپقان: ئارىلاشما ئوغۇت. ئارىلاشما ماددا. ئەتراپتىكى مانتا ساناش، مېھمان چاقىرىشلار بىلەن قىڭراق، ساپلىقلارنىڭ ئارىلاشما ئاۋازلىرى ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ تۇراتتى. ②ئىسىم. تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ، ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن، قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلات: ئۇلار پولات، چويۇن ۋە باشقا ئارىلاشمىلارنى ھەر خىل نىسبەتتە تەڭشەپ سىناق قىلىشقا باشلىدى.