رەۋىش ①ئوتتۇرىسىدا، ئىچىدە: بازار كۈنى مال بازىرىدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئارىدا قېلىپ، ئالدىمدا كېتىۋاتقان ھەمراھلىرىمنى يوقىتىپ قويدۇم. ②ۋاقىتتا، ۋاقىت ئىچىدە، كۈنلەردە، پۇرسەتتە: ماشىنا ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختىدى، شۇ ئارىدا تۇرسۇنمۇ يېتىپ كەلدى .③شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ جەرياندا: ئوق تېگىپ يىقىلىپ، ھوشۇمغا كەلسەم، دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن. ئارىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن.