ئارىلاش

سۈپەت ①ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەر قوشۇلغان: ئارىلاش تالالىق توقۇلما. ئارىلاش يەم-خەشەك. ②تەركىبىدە بولغان، ئۆز ئىچىگە ئالغان: ئاتامنىڭ تەنە ئارىلاش بۇ سۆزى مېنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ئارىشاڭ

ئىسىم. ئۆچكەن يانار تاغلار ئورنىدا ھاسىل بولغان ياكى يەر ئاستىدىكى مىنېراللارنىڭ ئىسسىقلىق چىقىرىشىدىن ھاسىل بولغان، تېمپېراتۇرىسى شۇ يەردىكى مۇھىتنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرى بولغان بۇلاق سۈيى ياكى ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ئورۇن.

ئارىسالدى

①سۈپەت. قانداق قىلىشنى، نېمە قىلىشنى بىلمەي قالغان؛ ئىككىلەنگەن: ئارىسالدى كىشى.*ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەپتۇ (ماقال). ②سۈپەت. جىددىيلىك، ئالدىراشلىق پەسەيگەن، بوشىغان: ئارىسالدى ۋاقىت. ئارىسالدى پەيت. ئارىسالدى مەزگىل. ③رەۋىش. قانداق قىلىشنى، نېمە قىلشنى بىلمەي، ئىككىلىنىپ: ئارىسالدى بولماق.*ئۇنىڭ سوئالىغا:-يوق دېگىلى بولمايدۇ،-دەپ ئارىسالدى جاۋاب بەردى يۇنۇس.

ئارىدىن

رەۋىش ①ئوتتۇرىسىدىن، ئىچىدىن: ئۇنى ئارىدىن قوغلاپ چىقىرىشتى. ②شۇنىڭدىن باشلاپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شۇنىڭدىن بۇيان: مانا مۇشۇ ئىشلار بولۇپ ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىتلار ئۆتتىكىن، ئىلياس ئەپەندى بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز يوقىلىپ كەتتى.