ئارقىلىق

تىركەلمە ①بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدىن، ئارىسىدىن، ئوتتۇرىسىدىن ياكى ئۈستىدىن: بۇ ھويلا ئارقىلىق باغقا چىققىلى بولىدۇ. ②بىرەر كىشى ياكى بىرەر نەرسە ۋاسىتىسى، ياردىمى بىلەن، ياردىمىدە: بىز تېلېفون ئارقىلىق بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپتۇق .③ئىسىمنىڭ ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن ئوخشاش مەنىدە، ھەرىكەتنىڭ ۋاسىتىسىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ بۇ ھەرىكەتكە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاكتىپ قاتناشتى. ④سەۋەبلىك، تۈپەيلىدىن: ئۇ بۇ قېتىمقى ماجىرا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئارقىسىدا

تىركەلمە ①ئاقىۋىتىدە، نەتىجىسىدە: ئۇ ئاتىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە قېتىرقىنىپ تەربىيىلىشى ئارقىسىدا داڭلىق ھۇنەرۋەن بولۇپ يېتىشتى. ②سەۋەبلىك، تۈپەيلى: ئۇلار رىقابەت ئارقىسىدا بۆلۈنۈپ كەتتى.