ئارغامچىلىق

سۈپەت ①ئارغامچىسى بار؛ ئارغامچا تۇتقان ياكى كۆتۈرۈۋالغان: ئاۋۇ-توقۇناق ئارغامچىلىق كىشىنى كۆردۈڭمۇ، دەل شۇ كىشى سېنى ئىزلەپ كەپتۇ. ②ئارغامچا تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدىغان، ئارغامچا قىلىشقا بولىدىغان: بىزگە ئىككى ئارغامچىلىق چۇپۇر لازىم ئىدى.

ئارغامچا

ئىسىم. پاختا، يۇڭ، چىگە ۋە ھەر خىل سۈنئىي تالالارنى ئېشىش ئارقىلىق ياسىلىدىغان توم تانا، ئارقان: يۇڭ ئارغامچا. چۇپۇر ئارغامچا.*يىلان چاققان كىشى ئارغامچىدىنمۇ قورقىدۇ (ماقال).

ئارسلان

ئىسىم ①مۈشۈكسىمانلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان، سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان: ئارسلان بالىسى ئارسلان بولىدۇ (ماقال). ②كۆچمە. باتۇر، قەيسەر، زەبەردەست، قورقماس، قاپ يۈرەك: تۇغۇلدۇم، «ئارسلان بول» دەپ ئانام سۆيگەن پېشانەمگە، سېلىپ زەڭ ھەر سۆزۇم، قەلبىم، مىجەز خۇلقۇم، ئىپادەمگە .③ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئارس-فېنامىن

ئىسىم [ئىنگلىزچە] <خىمىيە> بىر خىل ئورگانىك بىرىكمە دورا. ئۇ سۇس سېرىق رەڭلىك پاراشوك بولۇپ، ئېرىتمىسى تەييارلانغاندىن كېيىن، ئالكاگۇل، سىفىلىس ۋە قايتىلانما كېزىك قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئوكۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.