ئارا تۇرماق

تاقابىل تۇرماق، ساقلاپ قالماق؛ قوغدىماق، مۇھاپىزەت قىلماق:-ئۇنىڭ مېڭىشلىرىغا كېچە-كۈندۈز ياكى ئىسسىق-سوغۇق ئارا تۇرالمايدۇ،-دېدى ئابلىز. *-شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ جېنىغا ئارا تۇرغان مۇشۇ بالا ئەمەسمۇ؟!-دېدى ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ.

ئارا ئوچۇق

①ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھېساب-كىتاب، ئېلىم-بېرىم تۈگىگەن؛ مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەن:-ئىككىمىزنىڭ ئارىسى ئوچۇق، ئۇنىڭ پۇلىنى مەن ئاللىقاچان تۆلىۋەتكەن،-دېدى ئۇ گىدەيگەن ھالدا. ②ئارىدىكى چۈشىنىشمەسلىك، ئاداۋەت تۈگىگەن:-ئوبدان قىزىم،-دەپ داۋام قىلدى تىللاخان،-مەن ئانا، سەن بالا، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنىڭ ئوچۇق بولغىنى ياخشى.

ئارا

1. ①ئىسىم. ئىككى نەرسە ياكى ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە، ئارىلىق: بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارىسى 40 كۈنلۈك يول (ماقال). ②ئىسىم. قاتار، سەپ؛ ئوتتۇرا: ئارىغا ئالماق. ئارىغا قاتماق.*مەن ئۈچ ئوغۇل ئارىسىدا بىرلا قىز ئىدىم .③ئىسىم. ئىككى ۋەقە، ھادىسە ياكى پەيت ئوتتورىسىدىكى ۋاقىت؛ پۇرسەت: ئارىدىن ئالتا ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، زۇلال ئۇنى بىرەر قېتىممۇ يوقلىمىدى. ④ئىسىم. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت؛ ئالاقە: ئارىنى بۇزماق، ئارىنى ئۈزمەك.

2. ئىسىم. ئا:را -دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان، تۆمۈر ھەم ياغاچتىن ياسالغان چىشلىق سايمان: ئۈچ چىشلىق ئارا. بەش چىشلىق ئارا.

ئار-نومۇس

①خىجالەت تارتىش، ئۇيىلىش تۇيغۇسى؛ ئۇيات، ئار ۋە نومۇس: ئۇ ئار-نومۇس كۈچى ۋە قىزلىق غۇرۇرى بىلەن ئۆزىنى مەھكەم تۇتۇپ، تۇرغۇننىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ توختىدى. ②كىشىلەرنى ئۇلۇغلايدىغان، كىشىلەرگە ھۆرمەت بېغىشلايدىغان خىسلەت، پەزىلەت: ئار-نومۇسنى ساقلاش ئۈچۈن ھەرقانداق گۈزەللىك ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئار

1. ئىسىم [ئەرەبچە] ئۆزىگە مۇناسىپ، ئەپ كۆرمىگەن ئىشتىن، نەرسىدىن خىجالەت بولۇش، ئۇيىلىش تۇيغۇسى؛ ئۇيات، نومۇس: ئار ئالماق. ئار كەلمەك.*ئۆز ئاتام مالدەك سېتىپ، قىلماقچى قەستى پۇل مېنى. پۇل ئۈچۈن ئارنى سېتىپ، قىلماچى ئەسلى قۇل مېنى.

2. ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە><لاتىنچە>] <مىقدار سۆز> مېتىر سىستېمىسىدىكى 100 كۋادرات مېتىرغا ياكى 0.15 موغا تەڭ بولغان ئۆلچەم بىرلىكى. بىر گېكتارنىڭ يۈزدىن بىر قىسمى.

ئادەملەشتۈرمەك

پېئىل <ئەدەبىيات> جانلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىل شەكلى. بۇنىڭدا جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەر ھەتتا ئابستراكت چۈشەنچىلەرمۇ ئادەم قىلىپ يېزىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل تىلنىڭ جانلىقلىقى بىلەن لىرىكىلىقىنى ئاشۇرۇشتا زور رول ئوينايدۇ.