ئاجىزلىشىش

ئىسىم <تىل-يېزىق> كۈچلۈك ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلارنىڭ كۈچسىز ئېيتىلىپ، ئۆز تۈسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىشى. مەسىلەن: بىر بوغۇملۇق سۆزلەردىكى «ئا» نىڭ «ئې» غا ئاجىزلاشقىنىغا ئوخشاش.

ئاجىز

سۈپەت [ئەرەبچە] ①جىسمانىي جەھەتتىن كۈچسىز، زەئىپ، قۇۋۋەتسىز: ئاجىز ئايال. تېنى ئاجىز. ②ئامالسىز، ئىلاجسىز، نائىلاج، يار-يۆلەكسىز: خوش، ھەق سۆزنى قىلدىم بېگىم، ئاجىز پۇقرانىڭ تەلىپىنى يەتكۈزدۈم، ئويلاپ كۆرسىلە، قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ-دە!③پەس، بوش، كۈچسىز (ئاۋاز ھەققىدە): قاياقتىندۇر، ناھايىتى ئاجىز يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. ④خىرە، نۇرسىز: ئاينىڭ ئاجىز نۇرى ئۆي ئىچىگە تۈڭلۈكتىن چۈشۈپ تۇراتتى. ⑤مەلۇم جەھەتلەردە ئىقتىدارىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقاتقان، تۆۋەنلىگەن: ئېلىشانىڭ كۆزى ئاجىز ئىدى. ⑥ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى يېتەرسىز، كەم: ئۇ ئاجىز دۆلەت. ⑦ئارقىدا قالغان، ناچار، تۆۋەن، يېتەرسىز: دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا ھەركۈنى بىرەر سائەت قوشۇمچە ئۆگىنىش قىلىپ بېرىۋاتىمەن.

ئاجرىماق

پېئىل ①بۆلەكلەرگە، تەركىبىي قىسىملارغا بۆلۈنمەك، پارچىلانماق: ئەندۇۋىنىڭ تۇتقۇچى ئاجراپ كېتىپتۇ. ②ئايرىلماق، يىراقلاشماق: رەقىب بىزدىن ئاجراپ چىقىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى، ئۇلار گۇدۇڭلاشتى.