ئاجراق

①سۈپەت. تۇتاشقان جايىدىن ئايرىلىپ كەتكەن؛ سۇنۇق: پۇتى ئاجراق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىلى بولمايدۇ. ②ئىسىم. نەرسىلەرنىڭ ئاجرىلىپ تۇرغان دەزى، يېرىقى، يوچۇقى: ياغاچ تۇڭنىڭ ئاجرىقىدىن سۇ چىڭقاپ چىققىلى باشلىدى.

ئاجراشماق

①«ئاجرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ بىر-بىرىنىڭ قۇچىقىدىن ئاجراشتى-دە، قاسىم ئاكىغا قاراپ كۈلۈمسىرەشتى. ②ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئايرىلماق، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسۋەتنى ئۈزمەك: مەۋلاننىڭ خوتۇنى بىلەن ئاجراشقىنىغا تېخى بىر ئايمۇ بولمىغانىدى.

ئاجراشچانلىق

ئىسىم <گېئولوگىيە> مىنېراللارنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى، مىنېرال كرىستاللىرى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، مەلۇم كرىستال يۈز يۆنىلىشى بويىچە تەكشى يۈزدە يېرىلىدىغان دائىملىق خۇسۇسىيەت. ئاجراشچانلىقنىڭ مۇقىملىق دەرىجىسى مىنېراللارنىڭ خىلىغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ.

ئاجراتماق

پېئىل ①«ئاجرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ھېيتئاخۇن قوچقارنىڭ تېرىسىنى ئاجرىتىپ، ئالما شېخىغا ئاستى. ②پەرقلەندۈرمەك: قاراپ تۇرغان كىشىگە ئۇنىڭ كۈلكىسى بىلەن يىغىسىنى ئاجرىتىۋېلىش تەس ئىدى .③خالاس قىلماق، قۇتۇلدۇرماق: بېشىمىزدا دۈشمەنلەر قىلىچىنى ئوينىىتار، بۇ دوزاختىن نوزۇكنى قانداق بىر جان ئاجرىتار؟! ④بىرەر مەقسەت ئۈچۈن ئاتىماق، چىقارماق، بەلگىلىمەك: بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىدارىمىز مىڭ يۈەن ئاجراتتى. ⑤ئەھدىنى، نىكاھنى بۇزماق، مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك: ئۇ قىزىنى 15 يىل ئۆي تۇتقان ئېرىدىن زورلۇق بىلەن ئاجرىتىۋالدى. ⑥<بىئولوگىيە> جانلىق ئورگانىزملار تېنىدىكى بەزى ھۈجەيرە، توقۇلما ياكى ئەزالار مەلۇم ئاجرالمىلارنى ئايرىپ چىقارماق.

ئاجايىپخانا

ئىسىم [ئەرەبچە+پارسچە] ھەر خىل ھايۋانلار، بولۇپمۇ تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى بولغان، بەزىبىر ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنى بېقىپ، كىشىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ئورۇن.

ئاجايىپ

[ئەرەبچە] ①سۈپەت. ناھايىتى قىزىق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان، قىزىقارلىق: ئوغلىدىن بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى ئاڭلىغان قاسىمئاخۇن ئۇستامنىڭ شادلىقىدىن ئۇدا بىرقانچە كېچىگىچە ئۇيقۇسى كەلمىدى. ②سۈپەت. غەيرىي، غەلىتە، باشقىچە:-مانا ئەمدى سىزنى ئويلىساملا ئاجايىپ بولۇپ قالىمەن،-دېدى زەينەپ كامىلنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ. ③سۈپەت. ناھايىتى ياخشى، قالتىس، پەيزى: بىلەمسەن، ھەي ئاداش، شۇ تۇرقىدا بىر ئاجايىپ قىز سېنىڭ ئۈچۈن تولغىنىپ ئۇخلىيالمايۋاتىدۇ. ④رەۋىش. ناھايىتى، ئىنتايىن، تولىمۇ، خويمۇ، بەك: ئۇنىڭ ساڭا ئاجايىپ ھەۋىسى كېلەتتى.