ئەۋقاپ

ئىسىم [ئەرەبچە] <دىن> جامائەت ئىختىيارىغا ئۆتكەن، مەسچىت، مەدرىسىلەرگە ۋەخپە قىلىنغان مال-مۈلۈك، يەر-زېمىن ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر: بىر ئاي دېگەن ئوتتۇز كۈن، بىر يىل دېگەن ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش كۈن، كۈنىگە بولمىدى دېگەندە ئۈچ-تۆت سەر تەڭگە تاپسا، جەملەپ كۆرۈڭلار قانچە بولۇپ كەتتى؟ بۇنىڭدىن باشقا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ئەۋقاپ كىرىمى قانچە بولىدۇ؟

ئەۋزەللىك

ئىسىم. ئەۋزەل شارائىت، ئەۋزەل خۇسۇسىيەت: دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى بىر ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

ئەۋزەل

①سۈپەت [ئەرەبچە] ياخشى، ئەلا، ئوبدان، ئارتۇق: مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەۋزەل (ماقال). ②ئىسىم [ئەرەبچە] لاي ھەم گەجدىن كىچىك ھەم نازۇك قىلىپ ئىشلەنگەن ياكى ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ كېشىكىنىڭ يۈزى تەرىپىگە چىقىرىلغان پىلتا-ناۋا. ③پىلتا-ناۋا قاقىدىغان ئەسۋاب.

ئەۋرەت

ئىسىم [ئەرەبچە] <دىن> ①شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە تەننىڭ كىشىگە كۆرسىتىشكە بولمايدىغان يېرى، يەنى ئەرلەرنىڭ كىندىكتىن تىزغىچە، ئاياللارنىڭ بىلەكنىڭ بېغىشىدىن بويۇنغىچە، بويۇندىن ئوشۇققىچە بولغان قىسمى. ②جىنسى ئەزا: ئەۋرىتىنى ياپماق.