ئەۋجلىك

سۈپەت. ئەۋجىگە چىققان، يۇقىرى پەللىگە يەتكەن: تېيىپجان ئېلىيېۋ قاتارلىق شائىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى شېئىرلىرىدىن رومال ئۇسسۇلىنىڭ ئەۋجلىك، لىرىك ئۇسسۇل ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئەۋپارىقۇن

ئىسىم [ئەرەبچە] <بوتانىكا> سېرىق چاي ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى غوزا شەكلىدە، ئۇرۇقى كۆپ، قارامتۇل پور رەڭدە بولىدۇ؛ پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، قاننى ماڭغۇزۇش رولى بار. ئۇ يەنە «سېرىق چاي ۋە دالا چاي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەھۋاللاشماق

پېئىل ①بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال، تىنچلىق-ئامانلىق سوراشماق: ئەختەم گۈلچەمخان چوڭ ئانامغا قاراپ كېلىۋېتىپ، گۈللۈك يېنىدا ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە جۈپلەپ تەزىم قىلدى. قەددىنى رۇسلاپ ئەھۋاللاشتى. ②ھاللاشماق، پاراڭلاشماق، سۆزلەشمەك؛ پىكىرلەشمەك: تاشۋاي كىشىلەرگە سالام بېرىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن قىزغىن ئەھۋاللىشىدۇ.

ئەھۋال

ئىسىم [ئەرەبچە] ①مەۋجۇت بولغان ياكى يۈز بەرگەن ھالەت، پەيدا بولغان كەيپىيات، ۋەزىيەت: ئىنقىلاب دەۋرىدە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ. ②تۇرمۇش شارائىتى، ھال-ئەھۋالى، كۈنى: ئۆي ئەھۋالى.*ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا (ماقال).