ئەڭلىكئوت

ئىسىم [ئەڭلىك+ئوت] <بوتانىكا> ئەڭلىكئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە ساپاقسىز كېلىدۇ، مېۋىسى قاتتىق، شەكلى تۇخۇمسىمان ۋە سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ يىلتىزى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ.

ئەڭگۈشتەر

ئىسىم [پارسچە] ①ئالتۇن، ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھالىق مېتال ۋە تاشلاردىن ياسالغان ئۈزۈك. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. خاسىيەتلىك، نۇرغۇن نەرسىنى قىلىشتا قۇدرەتلىك نەرسە، يول، نىشاننى كۆرسەتكۈچى: بوۋاي كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ:-يېزا ئىگىلىك پەنتېخنىكىسى بىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىمىز، -دېدى.

ئەيۋەش

ئىسىم. كۆپرەك «كەلمەك» ياردەمچى پېئىلى بىلەن بىللە كېلىپ: «پەيلىدىن يانماق، يولغا كىرمەك، پەسكويغا چۈشمەك، ماقۇل بولماق، ئۇنىماق، كۆنمەك » دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: بىلمەمسىز، سادىرمۇ ئەيۋەشكە كەلدى. قېنى، ماڭا قانچىلىك نەپ بېرىسىز؟*بۇنىڭ ئۈچۈن ئەزالار بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن ئۈنۈمسىز يەرلەرنى قايتىدىن ئەيۋەشكە كەلتۈردى.

ئەييۇھەنناس

ئىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى>①كۆپچىلىككە، توپلانغان، جەم بولغان خالايىققا قارىتا قىلىنىدىغان خىتاب، نىدا؛ ئەي خالايىق، ئەي ئادەملەر: موللازەيدىن يەنە جاكارلاپ مۇنداق دېدى:-ئەييۇھەنناس-ئىشىتىڭلار ئامۇخاس، گۇناھ رىيا بولسىمۇ، جازا دېگەن راست. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ھاياجان، قايغۇ، غەزەپ ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان داد-پەرياد، شاۋقۇن-سۈرەن، كۈچلۈك ئاۋاز: كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم، ئەييۇھەنناس، تامنىڭ تۆشۈكلىرىدىن يوغان-يوغان يىلانلار باشلىرىنى چىقىرىپ، كۇشۇلدىشىپ تۇرمامدۇ، بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى.

ئەيىبنامە

ئىسىم [ئەيىب+نامە] بىرەر خاتا ئىش-ھەرىكەت ياكى جىنايى قىلمىشنى پاش قىلىش ھەققىدىكى شىكايەت خېتى، ھۆججەت قاتارلىقلار: ھېلىقى كىشى سېرىق ياسىما چىشلىرىنى كۆرسىتىپ، ئەيىبنامىنى ئوقۇشقا باشلىدى.

ئەيىبناق

سۈپەت. جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز، بىرەر ئەزاسىدا كەمچىلىكى، نۇقسانى، ئىللىتى بار؛ مېيىپ، مەجرۇھ: مەن ئۇنىڭ مېنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ ئەيىبناق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.