ئەييام

ئىسىم [ئەرەبچە] ①<يېزىق تىلى> كۈن، كۈنلەر، ۋاقىت، ۋاقىتلار: ئارچىلار شىلدىرلىدى، قۇشقاچلار كۆككە ئۆرلىدى، قوشۇلۇش ئەييامىنى تورغايلار خەندان كۈيلىدى. ②بايرام، بايرام كۈنلىرى: ئەي ۋەتەن پەرزەنتلىرى، بايرىمىڭىز مۇبارەك، خۇشال-شاد ئۆتۈۋاتقان ئەييامىڭىز مۇبارەك.

ئەينەن

رەۋىش [ئەرەبچە] ①ھېچقانداق ئۆزگىرىشسىز، ئۆز پېتىچە، ئەينى بىلەن: ھايال ئۆتمەي ھېلىقى ئەقىللىق ئادەم دوستى بىلەن بىللە بېرىپ، بۇ ئىشنى قازىغا ئەينەن مەلۇم قىلدى. ②دەل، نەق: بۇ ئادەم ئورۇق، يىرگىنچلىك روزەك بەزنىڭ ئەينەن ئۆزى.

ئەينەكلىك

سۈپەت ①ئەينىكى بار، ئەينەك سېلىنغان، ئەينەك ئورنىتىلغان: ئەينەكلىك ئىشىك. ئەينەكلىك دېرىزە. ②ئەينەك تاقىغان، ئەينەككە ئىگە: ئەينەكلىك دوختۇر كۆزىدىن ئەينىكىنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ئەينەكسىزلىنىش

ئىسىم <گېئولوگىيە> ماگمىلىق جىنسلاردىكى تۇراقسىز ھالەتتە تۇرغان ئەينەك ماددىسى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە بېسىم، تېمپېراتۇرا قاتارلىق فىزىكىلىق شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كرىستالغا ئايلىنىش ھادىسىسى.

ئەينەكچىلىك

ئىسىم ①ئۆي-ئىمارەت دېرىزىلىرىگە، ئىشكاپ، جاھازلارغا ئەينەك سېلىش ۋە قۇراشتۇرۇش ئىشى، شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى: دادام ئەينەكچىلىك قىلاتتى. ②ھەر خىل ئەينەك بۇيۇملارنى ياساش مەشغۇلاتى.