ئەيىبلىمەك

پېئىل ①ئەيىبلىك دەپ تونۇماق: ئۇلارنى كىم خاتىرىلەيدۇ ؟ ھېچكىم ! ھەتتا ئۇلارنى مۇشۇ قىسمەتكە مۇپتىلا قىلغانلارمۇ خاتىرىلىمەيدۇ، بەلكى تىللايدۇ، ئەيىبلەيدۇ. ②تەنقىد قىلماق: بىر يىلدىن بېرى مەتيا قەيسەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن خېلى قۇتۇلۇپ قالغانىدى.

ئەيىبكار

ئىسىم [ئەرەبچە+پارسچە] خاتالىق ئۆتكۈزۈپ جىنايەت سادىر قىلغان، قانۇن ئالدىدا ئەيىبلەنگەن كىشى؛ گۇناھكار، جاۋابكار: ئەسقەر شوخلۇق قىلىپ بىكاردىن-بىكار ئەيىبكار بولۇپ قالدى.

ئەيىبسىز

سۈپەت ①ئەيىبى يوق، گۇناھسىز: ئەيىبسىز دوستنى ئىزدىگەن دوستسىز قالار (ماقال). ②جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، نۇقسانسىز: يالقۇن ھەر جەھەتتىن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلارلىق دەرىجىدە ئەيىبسىز يىگىت بولدى.

ئەيىبدار

[ئەرەبچە+پارسچە] ①ئىسىم. ئەيىبى، نۇقسانى بار، ئەيىبلەنگۈچى، گۇناھكار شەخس: ساقچى ئەيىبدارنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ باردى. ②سۈپەت. جىسمانىي جەھەتتىن بىرەر كەمچىلىك، نۇقسانى، ئىللىتى بولغان، ئەيىبناق، ئەيىبلىك: ئەيىبدار بالا.

ئەيىب

ئىسىم [ئەرەبچە] ①قائىدە-يوسۇنغا، تەرتىپ-ئىنتىزامغا، ئەدەب-ئەخلاققا خىلاپ ئىش؛ كەمچىلىك، سەۋەنلىك: بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس. تىرىشماسلىق ئەيىب (ماقال).*ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس، كۆزىنىڭ ئەيىبى كۆزىگە كۆرۈنمەس (ماقال). ②كىشى ئۇيىلىدىغان، نومۇس قىلىدىغان، خىجالەت تارتىدىغان خاتا ھەرىكەت؛ ناچار قىلىق، بولمىغۇر ئادەت: سىز دەرسىز، يىگىتكە ياش تۆكمەك ئەيىب، بىلىمەن نومۇسى كۆز ياش يىگىتنىڭ، ئېسىمدە ئاتاممۇ ئېيتقان ئۆلۈمگە رازى بول ۋە ئەمما تۆكمە كۆز يېشىڭ! ③نۇقسان، قۇسۇر، ئىللەت، جىسمانىي كەمتۈكلۈك: غېمى يوق ئىنسان بولماس، ئەيىبى يوق ھايۋان بولماس (ماقال).