ئەينەك

ئىسىم [پ ①] قاتتىق ۋە چۈرۈك بولغان بىر خىل سۈزۈك جىسىم، ئۇ ئادەتتە كۋارتسلىق قۇم، ھاك تاش، ساپ ئىشقار قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاستىدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن ياسىلىدۇ. ②قارشىسىدىكى نەرسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئادەتتە كىشىلەر ئۆز ئەكسىنى كۆرىدىغان، ئارقىسى سىرلانغان مەخسۇس شېشە: مەلىكە ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپتۇ، يانچۇقىدىن ئەينەكنى ئېلىپ، ئاۋۋال ئەينەكنىڭ ئالدىنى، كېيىن ئارقىسىنى كۆرسىتىپتۇ. ③يىراقتىكى نەرسىلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان، كىچىك نەرسىلەرنى چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان، كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ بېرىدىغان مەخسۇس شېشە ئەسۋاب: بۈگۈنكى ئالىملار ئاسماننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاسترونومىيە ئەينىكى ئىجاد قىلدى. ④كۆچمە مەنىلىك سۆز. بىرەر ھالەتنى، ھادىسىنى كۆز ئالدىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ ياكى يورۇتۇپ تۇرغان نەرسە؛ ئۈلگە، نەمۇنە: تۇرغۇن ھەقىقەتەن قەيسەر جەڭچى. ئۇنىڭ پەزىلىتى مەن ئۈچۈن ئەينەك. ⑤كۆزگە تاقايدىغان ئەينەك (كۆزەينەك): ئۇ ئەينەكسىز...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئەينۇلا

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> ①ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. سورتلىرى كۆپ بولۇپ، سوغۇققا چىداملىق؛ يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك؛ باھاردا چېچەكلەيدۇ، خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ مېۋىسى شار شەكىلدە، رەڭگى يېشىل، پىشقاندا سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ: ئەينۇلا مۇرابباسى. ②شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئەينىيەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①<يېزىق تىلى> ئەينەن، ئوخشاشلىق، بىر خىللىق، بىردەكلىك: ئەينىيەت قانۇنىيىتى. <②مات> تەركىبىدىكى بارلىق ھەرپ بەلگىلىرىنىڭ ھەممە قىممەتلىرىدە مۇتلەق ئۆزگەرمەيدىغان تەڭلىك، ئوخشاشلىق.

ئەيمەنمەك

پېئىل ①ھايا قىلماق، تارتىنماق، قورۇنماق: خىجىلمەن، گەپنىڭ بولار يېرىنى ئېيتسام، ساڭا ئوچۇق پىكىر بېرىشتىن ئەيمىنىمەن. ②ھېيىقماق، تەپ تارتماق، قورقماق، سۈر باسماق: سەمەتنىڭ شۇنداق تەرسالىقى تۇتتىكى، بەش ئادەم ئەيمىنىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمىدى.

ئەيلەنمەك

①«ئەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئەيلەنگەن ئۆچكە تېرىسى سېلىنغان كاڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان باي بېشىنى سىلپ-ئەسنەپ تورۇسقا قارىدى. ②«ئەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.