①ئىسىم. قاتارغا قوشۇلۇش، ئاينىش، كۆكلەش، تۇتۇش (ئۆسۈملۈك ۋە باشقا جانلىقلارغا نىسبەتەن): پەرۋىش قىلىش ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر يىلى كۆچەت قويۇلسىمۇ، ئەي بولماي كەلگەنىدى. ②كۈچ-قۇۋۋەت، ئوزۇقلۇق، ئوغۇت: ئەي بەرمەك. ئەي قىلماق. ②ئىملىق سۆز <يېزىق تىلى> زوقلىنىش، ھاياجانلىنىش، ھېسداشلىق، غەزەپلىنىش، پۇشايمان قىلىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ، تىلدىكى «ھەي» بىلەن تەڭ: سالام، ئەي مويسىپىتلەر، پېشقەدەم ئۇستاز! باھار بوستانىدا سايرايلى خۇش ئاۋاز!