ئاۋارىچىلىك

ئىسىم. ئومۇمەن كىشىنى ئاۋارە قىلىدىغان نامۇۋاپىق قىيىنچىلىق، جاپا، ئىش-ئەمگەك: ئۇ بۇ سۆزىدىن بىرئاز خىجىل بولغاندەك:-بىز كېلىپ سىلەرگە كۆپ-ئاۋارىچىلىك سېلىپ قويدۇق، -دېدى ئاستاغىنا.

ئاۋات

سۈپەت [پارسچە] ①گۈللەپ ياشنىغان، راۋاج تاپقان: ئاۋات شەھەر. ②ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان؛ ئادەم زىچ ياشايدىغان؛ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن، قايناق، قىزىق: داستىخان مېھمان بىلەن ئاۋات (ماقال). ③بەزى ئىسىم ياكى ئايرىم سۈپەتلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ، شەھەر، قىشلاق ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ خاس ئىسىملىرىنى ياسايدۇ: قوشئاۋات. يېڭىئاۋات. . . ④ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر ناھىيىنىڭ نامى.