ئاڭلىماق

1. پېئىل ①تاۋۇشنى ئاڭلاش ئورگىنى ئارقىلىق قوبۇل قىلماق: مۇزىكا ئاڭلىماق. دەرس ئاڭلىماق. * قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا (ماقال). ②بىلمەك، خەۋەر تاپماق، خەۋەردار بولماق، ۋاقىپلانماق: باھارخان ئۆلگەندىن كېيىن باقىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. ③كۆڭۈل بۆلمەك، ئېتىبار بىلەن قارىماق، دىققەت-ئېتىبارىنى قاراتماق: ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىماق. *ئەخمەتجان قاسىمى بۇ ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلقنىڭ ياخشى تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ئاڭلىدى. 2. ④قوبۇل كۆرمەك، ماقۇل بولماق: گەپ ئاڭلىماق. تەربىيە ئاڭلىماق. ⑤ئاغزاكى تەنبىھ، دەككە، دەشنەم ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئىشىتمەك: سېنى دەپ ئاپامدىن بىرمۇنچە گەپ ئاڭلىدىم.

ئاڭلىق

1. ①سۈپەت. ئاڭغا ئىگە، ئەقىل-ئىدراكلىق: ئادەم ئاڭلىق مەخلۇق. ②سۈپەت. ئىجتىمائىي ھاياتنى، ئۆزىنىڭ مەۋقەسى ۋە تارىخىي بۇرچىنى توغرا چۈشىنىدىغان، چۈشەنگەن:-قىزىم سىز ئاڭلىق ۋە ياخشى ئىشچى، -دېدىممەن مۇمكىنقەدەر سىلىق سۆزلەشكە تىرىشىپ. ③سۈپەت. ئىلمىي چۈشەنچىگە ئىگە، بىلىملىك، مەدەنىيەتلىك: خەيرۇللانىڭ ئانىسى ئاڭلىق ئايال بولغاچقا، ئوغلىنىڭ تاپقان لايىقىغا دەرھال رازى بولدى. 2. ④سۈپەت. ئاڭ، ئەقىل-ئىدراك بىلەن باغلانغان، ئەقىل-ئىدراك تەقەززاسى بىلەن قىلىنىدىغان: ئاڭلىق ھايات. ئاڭلىق ھەرىكەت. ⑤رەۋىش. ئۆزلۈكىدىن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن، مەقسەتلىك ھالدا، كۆرۈپ، بىلىپ تۇرۇپ: رەھبىرىي يولداشلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىلمۇخىل ناتوغرا ئىستىللارنى ئاڭلىق توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئۈلگە بولۇشى لازىم.

ئاڭلىشىلماق

①«ئاڭلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. ②بىلىنمەك، ئۇقۇلماق، ئىپادىلەنمەك: مەقسەتنى قىسقا سۆزلەر بىلەن بايان قىلىشتا شۇنداق ئۇستىلىق كېرەككى، قىسقا يوللار ئارقىلىق كەڭرى پىكىرلەر ئېنىق ئىپادىلەنسۇن، ئوچۇق ئاڭلىشىلىپ تۇرسۇن.

ئاڭلىتىش

ئىسىم. رادىئو ئىستانسىسى ياكى رادىئو ئۇزېللىرىنىڭ ئاڭلىتىدىغان بىر قېتىملىق نومۇرلىرى: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئەتىگەن سائەت بەش يېرىمدا بىرىنچى قېتىملىق ئاڭلىتىشنى باشلايدۇ.

ئاڭلاتماق

①«ئاڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ئۇ گېپىنى بىزگە ئاڭلاتماسلىق ئۈچۈن ئاۋازىنى قانچە پەسلىتىپ سۆزلىگىنى بىلەن، بىز يەنىلا ئاڭلاپ قالدۇق. ②رادىئو ياردىمى ئارقىلىق يەتكۈزمەك، تارقاتماق: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى يەنە بەش مىنۇتتىن كېيىن سەنئەت نومۇرلىرىنى ئاڭلىتىدۇ.