ئاڭسىزلىق

ئىسىم ①ئاڭنىڭ يۇقلۇقى، بىلىمسىزلىك: مەدەنىيەت جەھەتتىكى نادانلىق سىياسىي جەھەتتىكى ئاڭسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ②<پسىخولوگىيە> ئۆزى بىلمەي، مەقسەتسىز ئېلىپ بارغان ھەرىكەت.

ئاڭسىز

سۈپەت ①ئېڭى يوق، ئاڭغا ئىگە ئەمەس، ئەقىل ئىدراكسىز: ئاڭسىز ھايۋان. ئاڭسىز جانلىقلار. ②بىلىمسىز، چۈشەنمىگەن، بىلىم-سەۋىيىسى تۆۋەن، قالاق؛ مەدەنىيەتسىز: ئىدىيىۋى، سىياسىي تەربىيىنى يالغۇز ئاڭسىز كىشىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق زىيالىلارغىمۇ ئىشلەش كېرەك. ③مەقسەتسىز؛ قارىسىغا، تەخمىنەن: ئۇلار ئاڭسىز ھالدا بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتى.

ئاڭ

1. ئىسىم ①پىكىر قىلىش قابىلىيىتى، ئەقىلىدراك: ئادەمنىڭ ئېڭى ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ. ②ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچە؛ سەزگۈرلۈك: سىياسىي ئاڭ. سىنىپىي ئاڭ. ③روھىي دۇنيا، مەنىۋىلىك: ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى. ④نۇقتىئىنەزەر: سوتسىيالىستىك ئاڭ. كوممۇنىستىك ئاڭ. 2. ئىسىم. ئوۋلىنىدىغان بارلىق جاندارلار: ماڭاتتى يول بويى ناخشىلار توۋلاپ، ماڭاتتى ئۇچرىغان ئاڭلارنى ئوۋلاپ.