ئاھانەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①ھاقارەت، تۆھمەت، بوھتان: ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان بۇ ئاھانەتكە چىداپ تۇرالماي ئىتتىك تالاغا چىقتىم. ②خورلۇق، ناھەقچىلىك، ئۇۋاللىق: نومۇس ۋە ئاھانەتكە چىدىمىغان بەختىگۈلنىڭ دادىسى بىر كۈنى كەچقۇرۇن غەزەپ بىلەن قۇددۇسنىڭكىگە بېرىپ، بەختىگۈلنىڭ ئۆيىگە كىردى. ③نومۇس، ئىزا، ئۇيات: چىقىرار ئادەمنى كاردىن يارىماس ئەخلەت قىلىپ، قەلبى ساپ ئىنسان ئۈچۈن قاتتىق ئاھانەتتۇر تەمە.

ئاھ

1. ئىملىق سۆز ①مېھىرمۇھەببەت، كۈچلۈك ھېسسىيات، سېغىنىش، ئىنتىزارلىق، خۇشاللىق قاتارلىق ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدۇ: ئاھ، جېنىم بالام سېنى كۆرىدىغان كۈنلەرمۇ بولىدىكەن-ھە. ②ئېچىنىش، دەرد-ئەلەم، ھەسرەت-نادامەت، نالە-تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ: «ئاھ» دېسە ئۆپكىسى كۆرۈنۈپتۇ (ماقال). *ئاھ، شۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭ نېمە بولغانلىقىمنى ھېچ بىلمىدىم. 2. ③نالە، زار، دەرد، پىغان: يىگىت ئايرىلىش ئازابىدىن بىر ئاھ ئۇرغانىكەن، ئۇنىڭ ئاھى يەتتە قات ئاسماننى، يەتتە قات زېمىننى تىترىتىپتۇ. *ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى؛ كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.