ئاھھاي

ئىملىق سۆز. كۈتۈلمىگەن ۋەقە ياكى ھادىسىدىن ئەجەبلىنىش، ھەيران قېلىش، ياكى خۇشاللىنىش ۋە ياقتۇرۇش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ: ئالماس:-ئاھھاي. . . ھەممىسى ھەق، مۇھىم گەپلەر، توغرا سۆز، -دېدى.

ئاھاڭلىق

سۈپەت ①مەلۇم بىر ئاھاڭ ياكى مۇزىكىغا ئىگە، مەلۇم بىر ئاھاڭ، مۇزىكا بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، چېلىنىدىغان ياكى ئېيتىلىدىغان: ئۇلارنىڭ مۇئامىلىلىرى سىلىق، قائىدىلىك، ئۆزئارا سۆزلىشىشلىرى ئاھاڭلىق ۋە جاراڭلىق ئىدى. ②ئاھاڭدار: كېلىشكەن بۇرۇتىنى بۇراپ يىگىت، چالدى-دە، خۇش ئاھاڭلىق دۇتارىنى. يېقىملىق لەرزان ناخشا كەتتى ياڭراپ، تىترىتىپ يۈرەكلەرنىڭ زىل تارىنى.

ئاھاڭداش

سۈپەت [پارسچە] ①ئېيتىلىشى ئوخشاش، تەلەپپۇزدىكى ئاھاڭى بىر خىل: ئاھاڭداش سۆز. ②مەلۇم ئاھاڭغا، مەلۇم كۈيگە ماس كېلىدىغان: ئاھاڭداش ناخشا. ئاھاڭداش شېئىر. *شاۋقۇنلىرىڭغا ئاھاڭداش ئۇيغۇر، ئېيتىدۇ ساڭا دىلدىن تەشەككۈر.

ئاھاڭدار

سۈپەت [پارسچە] ①قۇلاققا خۇشياقىدىغان، ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، يېقىملىق: ناخشىچى سايرامنىڭ سۆيگىنى ھۆرنىڭ ئاۋازى بۇلبۇلدەك ئاھاڭدار ئىكەن. ②مەلۇم ئاھاڭغا ئىگە بولغان؛ ئاھاڭلىق، جاراڭلىق: بۇ شېئىر نېمىدېگەن ئاھاڭدارھە!

ئاھاڭ

1. ئىسىم [پارسچە] ھاك. 2. ئىسىم [پارسچە] ①بىر بىرىگە ئۇلانغان، ئۇيغۇنلاشقان تاۋۇشلار ئېقىمى: پاتىمىنىڭ قۇلىقىغا بىر خىل ئاھاڭدا گۈركىرەش ئاڭلىناتتى. <②مۇز> تۈرلۈك تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇزىكا پۈتۈنلۈكىنى تەشكىل قىلغان بىرىكمىسىدىن ئىبارەت مۇزىكا ئەسىرى، كۈي: بىرىنچى مۇقام يىگىرمە ئىككى ئاھاڭ ئېيتىلغاندىن كېيىن تۈگىدى. 3. ③نۇتۇقتا مەنىگە قاراپ ئاۋازنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى، كۈچلۈك ياكى ئاجىز ئېيتىلىشى؛ ئىنتوناتسىيە: مەن بوۋايغا:-سىز دەرھال بېرىپ ئادىل شۇجىنى چاقىرىپ كېلىڭ !-دېدىم بۇيرۇق ئاھاڭىدا. ④سۆزلىگۈچىنىڭ ھېستۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان تەلەپپۇز ئۇسلۇبى: يىغلامسىرىغان ئاھاڭدا سۆزلىمەك.

ئاھانەتلىك

سۈپەت ①ھاقارەتلەنگەن، تىل-ئاھانەت ئىشىتكەن، قارىلانغان، خورلانغان: مېنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ ئاھانەتلىك قىلىشىڭىزغا ئەمدى ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايمەن! چۈشەندىڭىزمۇ؟ ②كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان، نومۇس قىلدۇرىدىغان، ئۇيالدۇرىدىغان: يېشىڭ ئوتتۇزغا يەتمەي تۇرۇپ ئۈچ قېتىم ئۆيلەندىڭ، شۇڭا «خوتۇن بېدىكى» دېگەن ئاھانەتلىك نامغا ئېرىشتىڭ.