ئالەم

ئىسىم [ئەرەبچە] ①پۈتۈن مەۋجۇدات، بارلىق كائىنات، دۇنيا، پۈتۈن جاھان: كوڭكا! توۋا! ئالەم پەيدا بولغاندىن بۇيان بۇ يەرگە كوڭكىنىڭ بىرىنچى قېتىم كېلىشىغۇ بۇ! ②بۇ دۇنيا: ئالەمدىن ئۆتمەك. ئالەمدىن كەتمەك. ③ۋەزىيەت، ھالەت: ئەجەبمۇ زامان بولدى، ئالەم چۆرگىلەي دەيدۇ، يۈرەكتىكى زەرداب سۇ قانغا ئۆرگىلەي دەيدۇ (قوشاق). ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ۋاقىت، زامان:

ئالۋان-سېلىق

مەلۇم تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان ۋە مەجبۇرىي ھەقسىز تاپشۇرۇلىدىغان ماددىي نەرسە ۋە ئۇنىڭغا بەدەل قىلىنغان ئەمگەك كۈنى: بىزنىڭ ئالۋان-سېلىقلىرىمىز ئۆزگەرمىگەننىڭ ئۈستىگە بارغانچە كۆپىيىپ كەتتى.

ئالۋاستى

ئىسىم ①رىۋايەتلەردىكى ھەر خىل قىياپەتلەرگە كىرەلەيدىغان ئەپسانىۋى مەخلۇق؛ جىن. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ناھايىتى كۆرۈمسىز بەتبەشىرە (ئالدامچى ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ): ھېلىمۇ ياخشى سىز ماھىنۇردەك بىر ئالۋاستىدىن قۇتۇلدىڭىز.