ئالىلىق

ئىسىم ①ئالا بولغان كۆرۈنۈش، ئالا ئىكەنلىك، ئالا ھالەت. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كۆڭلىدە ساقلانغان نارازىلىق، نىيىتىدىكى ئىككى خىللىق، كۆڭلىدىكى دۈشمەنلىك: ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئالىلىقىدىن قىلغان ئىشى راۋاج تاپمايدۇ.

ئالىقىنى قىچىشماق

①بىرەر ئىش-ئەمگەك قىلغۇسى كەلمەك:-يارايسەن، ئېنىم، كەتمەننى كۆرۈپ ئالىقىنىڭنىڭ قىچىشىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، -دېدى ئاكام. ②قولغا پۇل كىرىش ئىستىگىدە ئېيتىلىدۇ.