ئالۇچا

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> ①ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان مېۋىلىك دەرەخ. گۈلى قىزغۇچ، قىزىل كېلىدۇ، مېۋىسى يۇمىلاق بولۇپ پىشقاندا قىزىرىدۇ. ②شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى.

ئالىيلىرى

ئالىي تەبىقىگە مەنسۇپ ياكى مەنسەپكە ئىگە كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاپ ئېيتىلىدىغان مۇراجىئەت فورمىسى: ئۇ «پات ئارىدا ئۆزۈم بېرىپ ۋەزىر ئالىيلىرى بىلەن كۆرۈشىمەن» دېدى.