Skip to content
  • UYGUR.COM
  • كۈتۈپخانا
  • بالىلار كۈتۈپخانىسى
  • بالىلار مۇنبىرى
  • UYGHUR.TV
ئۇيغۇر قامۇسى

UYGUR.COM

  • 🌐
  • ئا
  • ئە
  • ب
  • پ
  • ت
  • ج
  • چ
  • خ
  • د
  • ر
  • ز
  • ژ
  • س
  • ش
  • غ
  • ف
  • ق
  • ك
  • گ
  • ل
  • م
  • ن
  • ھ
  • ئو
  • ئۇ
  • ئۆ
  • ئۈ
  • ۋ
  • ئې
  • ئى
  • ي

ئالىقانسىمان

0 125

سۈپەت. ئالىقانغا ئوخشايدىغان، ئالىقان شەكىللىك: ئالىقانسىمان ئېرىق.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىقاندا كۆتۈرمەك

0 142

ناھايىتى ئەتىۋارلىماق، ئىنتايىن ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلماق.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىقانچە

0 112

سۈپەت. كىچىككىنە، ئازراق: دېھقانلار مو بېشى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالىقانچە يەرنىمۇ ئاق قالدۇرماي تېرىيدۇ.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىقانچىلىك

0 114

سۈپەت. ئالىقانچە: ئاسماندا ئالىقانچىلىكمۇ بۇلۇت يوق.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىقان

0 121

ئىسىم. قول پەنجىسىنىڭ ئىچ يۈزى: مەھبۇبە ئالىقىنى بىلەن ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇتتى.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىقاراق

0 116

ئىسىم [ئالا+قاراق] توم تۇياق ماللاردا بولىدىغان سانجىق كېسىلىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. مال ئالىقاراق بولغاندا كۆزىنىڭ قارىقى تارتىشىدۇ.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىغاي

0 106

سۈپەت. قىڭغىر كۆز، كۆز قۇرۇلمىسى قىڭغىر؛ ئەلەس؛ ئەلەس قارايدىغان: ئالىغاي كۆز. ئالىغاي ئادەم.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىسېرىق

0 107

سۈپەت [ئالا+سېرىق] سارغىيىشقا باشلىغان، تەكشى سارغىيىپ كەتمىگەن، ئالا-بۇلا سارغايغان: ئالىسېرىق غورا. ئالىسېرىق پەمىدۇر.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىزارىن

0 114

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە><ئەرەبچە] ئوردان ئۆسۈملۈكى يىلتىزىدىن ئېلىنىدىغان ياكى سۈنئىي يول بىلەن تەييارلىنىدىغان بوياق ماددا.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىچۇق

0 115

ئىسىم. ئىككى يان تەرىپى يانتۇ، ئۈستى (چوققىسى) بىر نۇقتىدا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ بۇرجەك ياسالغان، سىرتى كىگىز ياكى قومۇش ئوت-چۆپلەر بىلەن يۆگەلگەن كەپە.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىچىپار

0 114

سۈپەت [ئالا+چىپار] ئاق داغلىرى بار، چىپار: ئالىچىپار ئات. ئالىچىپار كۆڭلەك.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالىچا

0 112

ئىسىم. رەڭلىك يىپلاردىن يوللۇق توقۇلغان رەخت.

 Posted in تۈرى: ئا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەتكۈچلەر: «ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

Posts pagination

<< 1 … 46 47 48 49 50 … 4,542 >>

تۈرلەر

  • ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
  • ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
  • ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
  • ئۇيغۇر دوكتورلىرى
  • يازغۇچى-شائىرلار
  • جەمئىيەتشۇناسلار
  • ئۇيغۇرشۇناسلار
  • ئىنسانشۇناسلار
  • تەرجىمىھال
  • رەسساملار
  • مۇزىكانتلار
  • خەتتاتلار
  • دىن
  • تارىخ
  • سەنئەت
  • ئەدەبىيات
  • مەدەنىيەت
  • يېمەك-ئىچمەك
  • ماتېماتىكا
  • جۇغراپىيە
  • تېبابەت
  • خېمىيە
  • فىزىكا

كۇتۇپخانىدىكى قامۇسلار

  • ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى
  • ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى
  • ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى
  • ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى قامۇسى
  • ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى

دىيارىمىز

  • ئۇيغۇر دىيارى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى
  • قۇمۇل شەھىرى
  • تۇرپان شەھىرى
  • قاراماي شەھىرى
  • قەشقەر ۋىلايىتى
  • خوتەن ۋىلايىتى
  • ئاقسۇ ۋىلايىتى
  • ئالتاي ۋىلايىتى
  • تارباغاتاي ۋىلايىتى
  • قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
  • بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
  • بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
  • ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
  • سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
  • بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر

UYGHUR.TV
UYGHUR.TV/RADIO
ئۇيغۇر مەدەنىيەت فوندى
ئۇيغۇر كۇتۇپخانىسى
ئۇيغۇر كۇتۇپخانىسى
UYGHUR.TV
Balilar TV
UYGUR RESEARCH LIBRARY
Dîvânu Lugâti’t-Türk (Tam Metin PDF)
Kâşgarlı Mahmud
⇄ 🌐 ⇄

Copyright © 2026 UYGUR.COM

i n f o @ u y g u r . c o m

🌐

  Uyghurche (ULY) Уйғурчә (USY) Türkçe English