1. ئىسىم ①نەرسىلەرنىڭ كۆزەتكۈچىگە قاراپ تۇرغان قىسمى؛ يۈزى: تاغنىڭ ئالدى شېغىل ئارىلاش شىبەن تاش ئىدى. ②ھۇزۇرى، ئۇدۇلى، قېشى: مەخسۇت ئالىمنىڭ ئالدىغا كەلدى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ياخشىسى، ئەلاسى، ئالغا باسقىنى: باتۇر زاۋۇتىمىزدىكى يىگىتلەرنىڭ ئالدى.
2. ④بېشى، دەسلەپكىسى، ئاۋۋالقى: باققالنىڭ ئالدى ياخشى، قاسساپنىڭ كەينى ياخشى (ماقال). *مانا، مېھمانلارنىڭ ئالدى كېلىشكە باشلىدى. ⑤ئىلگىرى، ئاۋۋال، بۇرۇن: بىز ئالدى بىلەن ئۆز خىزمىتىمىزنى كەمكۈتىسىز، تولۇق ئىشلىشىمىز كېرەك. ⑥جىنسىي ئەزانىڭ سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ئاتالغان يەنە بىر نامى.